- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2013- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى
2013.06.28 14:19
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 27-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن 2013-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە ھەرقايسى تۈركۈملەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكىنى ئېلان قىلدى . مەدەنىيەت-تارىخ تۈرىدىكىلەرنىڭ نومۇر چېكى 460 نومۇر ، تەبىئىي پەن ، سانائەت پەنلىرى تۈرىدىكىلەرنىڭ 443 نومۇر .
بۇ يىل مەدەنىيەت-تارىخ تۈرىدىكىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى : تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمنىڭ 460 نومۇر ، تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمنىڭ 394 نومۇر (خەنزۇ تىلى)
تەبىئىي پەن تۈرىدىكىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى : تەبىئىي پەن ، سانائەت پەنلىرى تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمنىڭ 443 نومۇر ، تولۇق كۇرس 2-تۈركۈمنىڭ 378 نومۇر .
تەنتەربىيە تۈرىدىكىلەرنىڭ تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمنىڭ ، 2-تۈركۈم مەدەنىيەت دەرسلىكىنىڭ 160 نومۇر ، كەسىپنىڭ 73 نومۇر .
سەنئەت تۈرىدىكىلەرنىڭ تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمنىڭ ، 2-تۈركۈم مەدەنىيەت دەرسلىكىنىڭ 147 نومۇر (ئىمتىھانغا قاتنىشىش نومۇر سىزىقى) ، كەسىپ ئايرىمىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتا نومۇر چېكىگە ماس كېلىدىغانلىرى تاللىنىدۇ .
بۇ يىل ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچى 158 مىڭ 700 نەپەر بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 4000 دىن ئارتۇق كىشى ئاشقان . 2013-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاپتونوم رايوندىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى 130 مىڭ 100 نەپەر بولۇپ ، بۇلتۇرقىدىن 6700 نەپەردىن ئارتۇق كىشى ئاشقان . بۇنىڭ ئىچىدە ، تولۇق كۇرس قاتلىمىدىكىلەردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى 66 مىڭ نەپەردىن ئارتۇق ، ئالىي كەسپىي (مەخسۇس كۇرس) تېخنىكا قاتلىمىدىكىلەردىن قوبۇل قىلىش پىلانى 63 مىڭ نەپەردىن ئارتۇق.
بۇنىڭدىن باشقا ، ئائىلە باشلىقلىرى ، ئوقۇغۇچىلار ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تورى ، تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى قاتارلىق تور بېكەتلىرىگە تىزىملىتىپ كىرىپ ، ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە