- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغان بالىلارنى قۇتقۇزغان پىچانلىق 15 ياشلىق ئۆسمۈر ھوشسىز ياتماقتا
2013.06.27 16:48
دەرمانىدىن كەتكەن ئابلىكىم نەپەسلەندۈرگۈچنىڭ ياردىمىدە نەپەس ئالماقتا
21-ئىيۇن سائەت 18:00 لەردە ، پىچان ناھىيەسىدىكى دېھقان ھاۋاخان يېرىدە قوي بېقىۋاتقاندا شۇ يەرلىك دوختۇرخانىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى ، ئۇنىڭ 15 ياشلىق ئوغلى ئابلىكىم باشقىلارنى قۇتقۇزۇۋاتقاندا سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغان بولۇپ ، ئىزچىل ھوشسىز ھالەتتە ئىكەن . ھاۋاخان تېلېفوننى قويۇپلا دوختۇرخانىغا چاپتى .
شۇ كۈنى سائەت 17:30 ئەتراپىدا، ئابلىكىمنىڭ قوشنىسىنىڭ ئىككى ئوغلى ئۆيى ئەتراپىدىكى بېلىق كۆلى بويىدا ئويناۋېتىپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن كۆلگە چۈشۈپ كەتكەن ، ئۇلار سۇغا چۆكۈپ كېتەي دېگەندە ، ئارىدىكى بىرى ‹‹ قۇتقۇزۇڭلار!! ›› دەپ ۋارقىرىغان . دەل شۇ چاغدا كۆل بويىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئابلىكىم بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ، دەرھال كۆلگە سەكرەپ ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى بالىنى قۇتقۇزۇۋالغان . تېنى بەك دەرمانسىزلىنىپ كەتكەچكە ، ئابلىكىم سۇدا 2 ~ 3 مىنۇت جان تالاشقاندىن كېيىن ، تۇنجۇقۇپ قالغان . قۇتقۇزۇۋېلىنغان بالىلار داۋاملىق ‹‹ قۇتقۇزۇڭلار!! ›› دەپ ۋارقىرىغان ، كېيىن ، يېتىپ كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى ئابلىكىمنى قىرغاققا ئېلىپ چىقىپ ، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى چاقىرغان .
يەرلىك دوختۇرخانىنىڭ تېخنىكا ئەسلىھەلىرى چەكلىك بولغاچقا ، دوختۇرخانىنىڭ تەكلىپى بىلەن ھاۋاخان ئابلىكىمنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا ئەكېلىپ داۋالاتقان .
25-ئىيۇن ، شىنجاڭ شەھەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئابلىكىمنى يوقلاپ باردى ، كېسەل كارۋىتىدىكى ئابلىكىم ئىنتايىن دەرمانسىز ئىدى . ئۇنى داۋالاشقا مەسئۇل دوختۇر زۆرەمنىڭ دېيىشىچە ، ئابلىكىمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى : ئۆپكىسى ياللۇغلانغان، نەپەسلىنىش ئىقتىدارى ناچار بولۇپ ، ۋاقتىنچە نەپەسلەندۈرگۈچ ئىشلىتىدىكەن . ھاۋاخاننىڭ ئېيتىشىچە ، ئالتە يىل بۇرۇن، ئۇنىڭ ئېرى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن بولۇپ ، ئائىلىنىڭ ئېغىر يۈكى ھاۋاخاننىڭ زېممىسىگە چۈشكەن . بەش كۈنلۈك داۋالاشقا 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل كەتكەن بولۇپ ، بۇ ئۇ ئۆزى يىغقان ، قوشنىلىرى ئىئانە قىلغان ۋە ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ساخاۋەت قىلغان پۇللار ئىكەن ، بىراق يەنىلا دوختۇرخانىغا 2500 يۈەن قەرز بولۇپ قاپتۇ ....
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە