- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


9 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت بايرىمى باشلاندى
2013.06.20 15:03 مەنبە: خەلق تورى
دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەشكىللىگەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى تەشكىللىگەن، ئالتە كۈن داۋاملىشىدىغان 9 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت بايرىمى 20 – ئىيۇن ئەتىگەندە شادىيانە مۇزىكا سادالىرى ئىچىدە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق باشلاندى.
ئېچىلىش مۇراسىمىغا قىرغىزىستان مەدەنىيەت، ساياھەت ۋە ئاخبارات – نەشرىياتچىلىق مىنىستىرى رايىت سۇلتان ھاكىموۋىچ، مۇئاۋىن مىنىستىرى دانىيار پۇرۇشىيىۋىچ، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ سىنگاپۇر ئىش باشقارمىسى مۇدىرى تيەن شىن، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى مەسئۇللىرى شۇنداقلا غەربىي ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا،ئوتتۇرا شەرىقتىكى 26 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 182 ساياھەت كوپىراتىپى مەسئۇلى، دۆلەت ئىچىدىن 190 ساياھەت سودىگىرى قاتناشتى. قىرغىزىستان مەدەنىيەت، ساياھەت ۋە ئاخبارات – نەشرىياتچىلىق مىنىستىرى رايىت سۇلتان ھاكىموۋىچ ئېچىلىش مۇراسىمىدا تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: قىرغىزىرىستان ـ جۇڭگونىڭ ساياھەت بايلىقى مول شۇنداقلا ئۆز ئارا – تولۇقچانلىققا ئىگە، بۇ بايرام ئارقىلىق مەن ئىككى تەرەپ ساياھەت تارماقلىرى ۋە ساياھەت سودىگەرلىرىنىڭ چۈشىنىشنى، ھەمكارلىقنى، دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشقا ئاساس سېلىشىغا تىلەكداشمەن.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى جىدۇڭ شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇش نۇتقى قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى ئۇزۇن، شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇپ، دۇنيادىكى «تۆت خىل مەدەنىيەت» نىڭ ئۇچراشقان ماكانى، يىپەكيولىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى نۆۋەتتە جۇڭگو يىپەكيولى ساياھىتىنىڭ ئالتۇن بۆلىكى بولۇپ قالدى. شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى مول بولۇپ، ھازىر ئاسىيا جۈملىدىن دۇنيا ساياھەت بايلىقى غەزىنىسىگە ئايلاندى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن مېھمانلار، ساياھەت سودىگەرلىرى ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ قەشقەرگە ۋە ئالتايغا قاراپ يولغا چىقتى. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە