- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ سانجى مىئەرگۇ يېزىسىدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 15 ئادەم قازا قىلىپ، 21 ئادەم يارىلاندى
2013.06.19 14:28 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ئىيۇن، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ سانجى شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، 18- ئىيۇن سانجى شەھەرلىك مىئەرگۇ يېزىسىدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 15 ئادەم قازا قىلىپ (نەق مەيداندا تۆت ئادەم قازا قىلغان، قۇتقۇزۇش جەريانىدا 11 ئادەم قازا قىلغان)، 21 ئادەم يارىلانغان.
نۆۋەتتە، 21 نەپەر يارىدار ئۈرۈمچى، سانجى شەھەرلىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلاردا قۇتقۇزۇلماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە، سانجى ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسدا 10 ئادەم، سانجى ئوبلاستلىق جۇڭگو تىبابىتى دوختۇرخانىسدا 4 ئادەم (يېنىك يارىلانغان)، سانجى شەھەرلىك بىرىنچى خەلق دوختۇرخانىسىدا تۆت ئادەم (بىر ئادەم ئېغىر يارىلانغان،3 ئادەم يېنىك يارىلانغان) ، سانجى شەھەرلىك ئىككىنچى خەلق دوختۇرخانىسىدا بىر ئادەم (يېنىك يارىلانغان)، ئاپتونوم رايونلۇق ھەربىي رايون باش دوختۇرخانىسىدا ئىككى ئادەم (بىرى ئېغىر يارىلانغان، بىرى يىنىك يارىلانغان) قۇتقۇزىلىۋاتىدۇ.
نۆۋەتتە، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ۋە قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللىي بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەر تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلماقتا.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە