- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگو قەشقەر-گۇاڭجۇ تاۋار سودا يىغىنى ئىيۇننىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
2013.06.07 15:15 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇخبىرنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇرغا ناھىيەسىدىن ئىگىلىشىچە ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو قەشقەر-گۇاڭجۇ تاۋار سودا يىغىنى 28-ئىيۇندىن 2-ئىيۇلغىچە يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان گۇاڭجۇ يېڭى شەھەرچىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى كارخانىلاردىن 434 ى سودا يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن ، شۇنداقلا گۇاڭجۇ يېڭى شەھەرچىسىگە ماكانلاشقان كارخانا 200 دىن ئېشىپ كېتىدىكەن.
تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو قەشقەر-گۇاڭجۇ تاۋار سودا يىغىنى مەزگىلىدە، يەنە گۇاڭجۇ قۇرۇلۇش كىيىم-كېچەك ماتېرىياللىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. نۆۋەتتە، 73 كارخانا بەش خىل مېتال ماتېرىياللار شەھەرچىسىدە تىجارەت قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان، 219 كارخانا كېلىشىمگە قاتناشقان .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە