- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ ئىچىدىكى ئىككى ساياھەت ھاۋا يولى پات ئارىدا ئېچىلىدۇ
2013.06.03 17:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى شىنجاڭدا ھەر يىلى 7-ئايدىن 9-ئايغىچە ساياھەت بازىرى قىزىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، 7-ئايدىن تارتىپ شىنجاڭ ئىچىدە ئىككى ساياھەت ھاۋا يولى ئېچىشنى پىلانلىدى، بۇلار ئۈرۈمچى-غۇلجا-قەشقەر ئارىسىدا بېرىپ كېلىدىغان ھاۋا يولى ۋە ئۈرۈمچى-ئالتاي-غۇلجا ئارىسىدا بېرىپ كېلىدىغان ھاۋا يولىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ ئىككى يېڭى ھاۋا يولىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى مۇنداق: ئۈرۈمچى-غۇلجا-قەشقەر لىنىيەسىدە 25-ئىيۇلدىن 30-سېنتەبىرگىچە ھەر سەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى بىر قېتىم، ئۈرۈمچى-ئالتاي-غۇلجا لىنىيەسىدە 10-ئىيۇلدىن 30-سېنتەبىرگىچە ھەر كۈنى بىر قېتىم قاتنايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە