- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭدا ساختىلىق ئىشلىتىلگەن گۈش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر بايقالسا 12331 غا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ
2013.06.03 16:32 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
 |
قانۇن ئىجراچىلىرى دوستلۇق توڭلىتىش ئىسكىلاتىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا |
بۇنىڭدىن كېيىن ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ساماۋەر شورپىخانىلىرى نۇقتىلىق تەكشۈرۈلۈپ ، سۇ كىرگۈزۈلگەن گۆش ، ساختا كالا-قوي گۆشى ، كېسەل بىلەن ئۆلگەن چارۋا-مال ۋە ئۆي قۇشلىرىنىڭ گۆشى قاتارلىق زەھەرلىك گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقىشى قاتتىق چەكلىنىدىكەن . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ ، مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا شىنجاڭ يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت كارخانىلىرىدىكى گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرگە قارىتا جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن .
2-ئىيۇن ، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە ، يېقىندا ، قاراماي شەھەرلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى قاراماي شەھەر بازىرىدىن توڭلىتىلغان ساختا كالا-قوش گۆشلىرىنى بايقىغان . ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۈرۈمچى دۇڭباۋ توڭلىتىلغان يېڭى گۆش مەھسۇلاتلىرى بازىرى ۋە دوستلۇق توڭلىتىش ئىسكىلاتىدىن مەسىلىسى بار گۆش تۈرمىلىنى بايقىغان . مەسىلىسى بار گۆش مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك ۋە دورا مەھسۇلاتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى جايلاردىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى قاتتىق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان .
تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، بۇ قېتىم نۇقتىلىق تەكشۈرۈش دائىرىسىگە تۈرلۈك ساماۋەر شورپىخانىلىرى كىرىدىغان بولۇپ ، مەسىلىسى بار گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالغان ، ئىشلەتكەن تاماقخانىلار قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن . ئاھالىلەر گۇمانلىق ئەھۋال بايقىسا 12331 غا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال مەلۇم قىلسا بولىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە