- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2013-يىلى 13مىڭ ئىستۇدېنت شىنجاڭدىكى 11 ۋىلايەت-ئوبلاستقا بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ
2013.03.07 16:01 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە ، 2013-يىلى ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشى ۋە پراكتىكا قىلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ، 13 مىڭ ئوقۇغۇچىنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان .
ئىگىلىنىشىچە ، 13 مىڭ ئىستۇدېنت ئاپتونوم رايوندىكى ئالتە ئالىي مەكتەپ ، بەش ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتىپىدىن كەلگەن بولۇپ ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 400 نەپەر پراكتىكانت يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ئىستۇدېنتلار بىلەن بىرلىكتە ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ، بايىنغۇلىن ئاپتونوم ئوبلاستى ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ، سانجى ئوبلاستى ، قەشقەر ، خوتەن ، ئاقسۇ ، تارباغاتاي ، ئالتاي ، قومۇل ، تۇرپان قاتارلىق 11 ۋىلايەت-ئوبلاستتىكى 1903 مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىكەن .
نۆۋەتتە ، شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەكتەپلەردىن كەلگەن 42 مىڭ ئىستۇدېنت جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى يېزا مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە