- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئامانەت–قەرز كوپىراتىپى بۇ يىل كۆپەيگەن قەرز پۇلنىڭ %80 ىنى يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىدۇ
2013.03.07 15:14 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئامانەت – قەرز كوپىراتىپى يېزا ئىگىلىكىنى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، بۇ يىل تارقىتىلىدىغان تۈرلۈك قەرز پۇلنى 30 مىليارد يۈەن كۆپەيتىپ، بۇ پۇلنىڭ %80ىنى يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىشنى پىلانلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئامانەت – قەرز كوپىراتىپى بۇ يىل دېھقانلار، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش، چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، كىچىك كارخانىلار، چارۋىچىلىق، باغ – ئورمانچىلىق ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشىنىڭ قەرز پۇل ئېھتىياجىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى قەرز پۇل بىلەن قوللاش سالمىقىنى زورايتىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئامانەت – قەرز كوپىراتىپى بۇ يىل ئىناۋەتلىك ئائىلە، ئىناۋەتلىك كەنت، ئىناۋەتلىك يېزا – بازار (ليەن)نىڭ ئېشىش نىسبىتىنى %5، %5 ۋە %3كە يەتكۈزۈپ، دېھقانلارغا تارقىتىلىدىغان ئاز سوممىلىق قەرز پۇلنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى بۇلتۇرقىدىن %20 ئاشۇرۇپ، دېھقانلارغا تارقىتىلىدىغان ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇلنىڭ ئېشىش نىسبىتىنى %30 كە يەتكۈزىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە