باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ 3-نۆۋەتلىك ئۆسمۈرلەر قوش تىلدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپاتى تارقىتىلدى (1)

2012.12.25 15:02         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ 3-نۆۋەتلىك ئۆسمۈرلەرنىڭ قوش تىلدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش كېچىلىكى 24-دېكابىر كەچتە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەھلىيا نېغمەت، گۈلزىبا ئابلىكىم، لى لىندوڭ قاتارلىق 15 نەپەر بالا ‹‹مۇنەۋۋەر قوش تىل گۆدەك بالىسى›› شەرىپىگە، چېن شىپيەن، تالەنت ھۆرمەتبېك، مۇنتەزەر مۇتەللىپ، يېلىنا يېرلان قاتارلىق 20 نەپەر بالا باشلانغۇچ مەكتەپ گۇرۇپپىسى بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر قوش تىل بالىسى›› شەرىپىگە ئېرىشتى. ۋاڭ يۈخۇا، ۋاڭ شاۋفېن، جىن شاۋبو قاتارلىق 35 نەپەر يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ‹‹باغۋەن مۇكاپاتى››غا ئېرىشتى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىنجان تۇراخۇن، دۇ چىنرۈي، جىن نو، ھۆرىگۈل جاپپار قاتارلىقلار كېچىلىككە قاتناشتى ھەمدە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

  كېچىلىكتە، ئۈرۈمچى، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئۆسمۈرلەر سەنئەت ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار ۋە مۇسابىقىگە قاتناشقان ئوماق ماھىرلار تاماشىبىنلارغا ‹‹قوش تىل ئۆگەنسە ياخشى›› ناملىق ناخشا-ئۇسسۇلنى، ‹‹جۇڭخۇانى سۆيىمەن›› ناملىق ناخشىنى ئورۇنلاپ بەردى، يەنە ‹‹ۋەتەننى خاتىرجەم قىلىمەن›› ناملىق شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق 3-نۆۋەتلىك ئۆسمۈرلەرنىڭ قوش تىلدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى شىنجاڭ شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. مۇسابىقە بۇ يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلانغان بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 670 مىڭغا يېقىن ئۆسمۈر مۇسابىقىگە قاتناشقان، قاتلاممۇ-قاتلام تاللاش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا 35 نەپەر ئۆسمۈر مۇكاپات سەھنىسىگە چىقىشقا مۇيەسسەر بولغان.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە