باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون بۇ يىل 730مىليون يۈەندىن كۆپرەك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ئاجراتتى

2012.12.25 09:45        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزدا كەينى – كەينىدىن يۈز بېرىۋاتقان تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون بۇ يىل 738 مىليون 500 مىڭ يۈەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ئاجراتتى. ئاپتونوم رايونىمىز يەر تەۋرەش، كەلكۈن ۋە قار ئاپىتى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى، ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئامما قىش كىرگىچە يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئىسھاق ئىبراھىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل كەينى – كەينىدىن يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىقى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكىگە زور زىيان سالغان. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۈز بەرگەن تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتلەردە 2 مىليون 535 مىڭ 500 كىشى تالاپەتكە ئۇچرىغان، 138 مىڭ 600 كىشى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، 798 مىڭ گېكتار كۆلەمدىكى زىرائەت ئاپەتكە ئۇچرىغان، 254 مىڭ گېكتار يەردىن ھوسۇل ئېلىنمىغان، 31 مىڭ 700 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 280 مىڭ 100 ئېغىز ئۆيگە زىيان يەتكەن، 8 مىليارد 450 مىليون يۈەن بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان بولغان.

  دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون تەبىئىي ئاپەتلەرگە جىددىي قاراپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېز ھەم ئۈنۈملۈك تەشكىللىدى، شۇنداقلا ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى 24 سائەت ئىچىدە ئەمەلىيلەشتۈردى. ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى دەرھال يولغا قويۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تېز يۆتكىدى، دۆلەت ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ۋە ماددىي ئەشياسىغا ئېرىشتى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى تەبىئىي ئاپەت يۈز بېرىپ 12 سائەتكىچە پاناھانلاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.

  خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل مۇنداق دېدى: نازارىتىمىز كېلەر يىلى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش ئامبىرى سېلىشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىدۇ، قەشقەر ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا مەركەز دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش ئامبىرى سېلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا تىرىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئون ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ۋە 13 ناھىيە(شەھەر، رايون)دە بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە، شۇنداقلا ئەتراپتىكى ناھىيە (شەھەر)گە تارقىتالىغىدەك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي بۇيۇملىرىنى ساقلىيالايدىغان زاپاس ساقلاش ئامبىرى سېلىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تېز يۆتكەپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئاپەت يۈز بېرىپ 12 سائەتكىچە ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى ئاممىنىڭ قولىغا يېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە