باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز 11تۈرلۈك جىنايى ئىشلار دېلوسىنى ج خ ئورگىنى ئامانلىق ساقلاش تارمىقىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى

2012.12.24 14:38        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى يېقىندا تارقاتقان ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق ج خ ئورگىنىنىڭ قىسمەن جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››تا بۇنىڭدىن كېيىن، ناچار، ساختا مەھسۇلات، يېمەكلىك، دورا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەش ۋە سېتىش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش قاتارلىق 11 تۈرلۈك جىنايى ئىشلار دېلوسىنى ئامانلىق ساقلاش تارمىقىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش بەلگىلەندى. بۇ دېلولار ئىلگىرى ئىقتىسادىي دېلولارنى تەكشۈرۈش تارمىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى.

  دېلو باشقۇرۇش تەۋەلىكى ۋە باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنىڭ ماسلىشىش مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا، ئامانلىق ساقلاش تارمىقىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى يۇقىرىدا ئېيتىلغان 11 تۈرلۈك جىنايى ئىشلار دېلوسى ئامانلىق ساقلاش تارمىقىنىڭ باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىگە ماس كېلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى باشقۇرۇش تەۋەلىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ناچار، ساختا مەھسۇلات، ساختا دورا، ناچار دورا، تازىلىق ئۆلچىمىگە يەتمىگەن يېمەكلىك، زەھەرلىك ۋە زىيانلىق يېمەكلىك، ئۆلچەمگە ماس كەلمەيدىغان تېببىي ئەسۋاب–ئۈسكۈنىلەر، بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ماس كەلمەيدىغان مەھسۇلاتلار، ساختا، ناچار دېھقانچىلىق دورىلىرى، مال دوختۇرلۇق دورىلىرى، خىمىيەۋى ئوغۇت، ئۇرۇق، تازىلىق ئۆلچىمىگە ماس كەلمەيدىغان گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەپ–سېتىش دېلوسى، ئەسەر ھوقۇقىغا چېقىلىش دېلوسى، باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا چېقىلىپ تەقلىدىي بۇيۇم سېتىش دېلوسى قاتارلىق 11 تۈرلۈك جىنايى ئىشلار دېلوسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى ئامانلىق ساقلاش تارمىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلدى ۋە ئاممىنى بۇ 11 تۈرلۈك جىنايى ئىشلار دېلوسىغا چېتىشلىق دېلونى مەلۇم قىلىشتا ج خ ئورگىنىنىڭ ئامانلىق ساقلاش تارمىقى بىلەن ئالاقىلىشىشنى ئەسكەرتتى. (سۈي يۇڭيۈەن خەۋىرى)

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە