- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ ئالدىنقى 11 ئايدىكى يولۇچى كۈتۈۋېلىش–ئۇزىتىش سانى 16مىليون ئادەم(قېتىم)گە يەتتى
2012.12.24 14:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
بۇيىل 1–ئايدىن 11–ئايغىچە، شىنجاڭ ئايروپورت گۇرۇھىنىڭ يولۇچى كۈتۈۋېلىش–ئۇزىتىش سانى 16 مىليون ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.4 ئېشىپ، يىللىق پىلاننىڭ %99.2 ى ئورۇندالدى؛ يۈك كىرگۈزۈش–چىقىرىش مىقدارى 129 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.7 ئېشىپ، يىللىق پىلان %107.6ى ئورۇندالدى؛ ئۇچقان – قونغان ئايروپىلان 168 مىڭ قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.2 ئېشىپ، يىللىق پىلان %101.2ى ئورۇندالدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 11–ئايدىكى كۈتۈۋېلىنغان ۋە ئۇزىتىلغان يولۇچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.1، يۈك كىرگۈزۈش–چىقىرىش مىقدارى %15.2، ئۇچقان–قونغان ئايروپىلان قېتىمى %11 ئاشتى.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ئايروپورت گۇرۇھى 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى غەنىيمەت بىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىپ، تۆت ئاۋىياتسىيە شىركىتىنى شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە بازىرىدا تىرانسپورت تىجارىتى قىلىشقا چاقىردى، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 22 گە يەتتى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرگە بىۋاسىتە بارىدىغان لىنىيەدىن توققۇزى ئېچىلدى. بارغانسېرى زىچلىشىۋاتقان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى دۆلەت ئىچى–سىرتىدىكى يولۇچىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىش، مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلاردا ئىجابىي رول ئوينىدى. ھازىرغىچە، شىنجاڭدا قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلان تەسىس قىلغان ئاۋىياتسىيە شىركىتى 29 غا يەتتى، دۆلەت ئىچى–سىرتى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 141 ى ئېچىلدى، 21 دۆلەت، 31 خەلقئارا(رايون)لىق شەھەر، دۆلەت ئىچىدىكى 52 شەھەر ئۈرۈمچى ئايروپورتىغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان تەسىس قىلدى، شۇڭا، يولۇچىلارنىڭ سانى جەھەتتىكى رېكورت ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتىدۇ، شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ يولۇچى كۈتۈۋېلىش–ئۇزىتىش سانى، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش–قونۇش قېتىمى ۋە يۈك كىرگۈزۈش–چىقىرىش مىقدارىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كۆرسەتكۈچ داۋاملىق ئۆرلەۋاتىدۇ.
جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىدىكى كۆزنەك تۈگۈن، دەپ بېكىتىلگەن ئۈرۈمچى ئايروپورتىنىڭ ئۈچ چوڭ كۆرسەتكۈچىدە داۋاملىق رېكورت يارىتىلىۋاتىدۇ. ئالدىنقى 11 ئايدا ئۈرۈمچى ئايروپورتى كۈتۈۋالغان–ئۇزاتقان يولۇچى 12 مىليون 375 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.5 ئاشتى، ئېشىش ھەجمى مەملىكىتىمىزدىكى 21 چوڭ ئايروپورت ئىچىدە 1–ئورۇندا تۇردى.
شىنجاڭ ئايروپورت گۇرۇھىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئايروپورتلارنى كېڭەيتىش تۈرىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، جىددىي ئىشنى تېز بېجىرىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. خوتەن ئايرودۇرۇمى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى تېزلىتىلگەن، كۆكتوقاي، چەرچەن، چاقىلىق كىروران، يەكەن قاتارلىق تارماق لىنىيەلىك ئايرودۇرۇم تۈرلىرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلانغان. ‹‹12 – بەش يىل››نىڭ ئاخىرى، شىنجاڭدا دەرىجىسى تېخىمۇ ئېنىق، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تېخىمۇ مۇۋاپىق، ئىقتىدارى تېخىمۇ مۇكەممەل پۇقرالار ئايرودۇرۇمى سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ. شۇ ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىزدا 22 ئايرودۇرۇم بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە