باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى يېنىك سانائەت كارخانىلىرى %15لىك ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاپ قالدى

2012.12.24 14:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇ تېجەش ئەسۋابلىرى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، پەمىدۇر قىيامى مەملىكەت بويىچە 1–ئورۇندا تۇردى، قىزىلچا شېكىرى مەملىكىتىمىز ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىدى... 2012–يىلى شىنجاڭنىڭ يېنىك سانائىتىدە پەخىرلەنگۈدەك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. 2012–يىلى كۆلەمدىن يۇقىرى يېنىك سانائەت كارخانىلىرى سانائەت ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى 50 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈپ، ئېشىش سۈرئىتىنى %15 ئەتراپىدا ساقلىشى مۇمكىن.

  1–ئايدىن 11–ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 383 كۆلەمدىن يۇقىرى يېنىك سانائەت كارخانىسى سانائەت ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى 41 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %12.9 ئاشۇردى؛ سانائەت قوشۇلما قىممىتىنى 12 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%14.5 ئاشۇردى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىز سانائىتىنىڭكىدىن 2.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ ئۈزلۈكسىز ئاشتى، مۆلچەرلىنىشىچە، يېنىك سانائەتكە يىللىق 20 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانى ئورۇندالغان. ئىقتىسادىي ئۈنۈمى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىگەن، 1–ئايدىن 11–ئايغىچە، كۆلەمدىن يۇقىرى يېنىك سانائەت كارخانىلىرى ياراتقان پايدا 2 مىليارد 490 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.14 ئاشقان.

  ھازىر شىنجاڭ سۇ تېجەش سۇلياۋ ئەسۋابلىرى كەسپى تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگودىكى مۇھىم كەسىپ بازىسى بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارى دۇنيا بويىچە 1–ئورۇندا، تېخنىكىسى مەملىكىتىمىز بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. شىنجاڭ پەمىدۇر قىيامىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى مەملىكىتىمىز ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %85ىنى، ئېكسپورت مىقدارى مەملىكىتىمىز ئېكسپورت مىقدارىنىڭ %80ىنى، خەلقئارا بازار نورمىسىنىڭ %25تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ شېكەر ئىشلەپچىقىرىش كەسپى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق كەسپىگە ئايلاندى. قىزىلچا شېكىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى، قىزىلچا شېكىرى ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى ئارىسىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ، مەملىكىتىمىز ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %50تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، مەملىكىتىمىزدىكى بارلىق شېكەر ئىشلەپچىقىرىدىغان جايلار ئىچىدە 4–ئورۇندا تۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا، باغ–ئورمانچىلىقى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى، مۆلچەرلىنىشىچە، كەلگۈسى نەچچە يىلدا، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە باغ–ئورمانچىلىق كەسپى تېز سۈرئەتتە ئېشىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالىدىكەن، 2015–يىلىغا بارغاندا مەھسۇلات قىممىتى 20 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ئۇچۇر كومىتېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش–ئون يىلدا، شىنجاڭنىڭ يېنىك سانائىتىدە بىيولوگىيەلىك ئېچىتىش، سۇلياۋ بۇيۇملار كەسپى، پەمىدۇر قىيامى كەسپى مۇقىم ئاشۇرۇلىدىكەن، قىزىلچا شېكىرى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئەينەك، خۇرۇم، ئۆي جاھازلىرى، تاماكا پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى، ھۈنەر–سەنئەت كەسپى، ئاز سانلىق مىللەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلار ئاكتىپ تەرەققى قىلدۇرۇلىدىكەن، سۈت مەھسۇلاتلىرى، ئۈزۈم ھارىقى، كېۋەز شېخى قەغەز بوتقىسىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، 100 مىليارد يۈەنلىك كەسىپ بەرپا قىلىنىدىكەن. 2015 – يىلىغا بارغاندا سانائەت ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 100 مىليارد يۈەنگە، يىللىق ئېشىش نىسبىتى %25كە يەتكۈزۈلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يېمەكلىك كەسپىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 65 مىليارد يۈەنگە، ئېكسپورت قىممىتى 8 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈلىدىكەن.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە