باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزىدىغان 2–لىنىيەنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى پۈتتى

2012.12.24 14:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ بىلەن غەربىي شىمال بىرلەشمە ئېلېكتىر تورىنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق 2–لىنىيەسىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشى 15–دېكابىر مۇددەتتىن بۇرۇن پۈتكەن. بۇ، پۈتۈن قۇرۇلۇشنىڭ كېلەر يىلى 6–ئايدا تاماملىنىپ، پىلانلانغان ۋاقىتتىن ئۈچ ئاي بۇرۇن پۈتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش بۇ يىل 13–مايدا باشلانغان بولۇپ، جەمئىي 9 مىليارد 560 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، بۇ قۇرۇلۇش غەربتە شىنجاڭنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتىدىن باشلىنىپ، دۇنخۇاڭنى كېسىپ ئۆتۈپ، شەرقتە چىڭخەيدىكى گېئېرمۇغا يەتكۈزۈلىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1099 كىلومېتىر.

  شىنجاڭ بىلەن غەربىي شىمال بىرلەشمە ئېلېكتىر تورىنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق 2–لىنىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى غەربىي شىمال 750 كىلوۋولتلۇق ئاساسىي تور رامكىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جيۇچۈەن شەھىرى، شىنجاڭنىڭ قۇمۇل ۋىلايىتى، چىڭخەينىڭ سايدام ۋىلايىتىنىڭ شامال ئېنېرگىيەسى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىرىنى سىرتقا چىقىرىشتىكى مۇھىم يولىغا ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىستېمال قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا چىقىرىش كۆلىمى 5 مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ، يىللىق توك يەتكۈزۈش مىقدارى 40 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشىدىكەن.

  بۇ يىل 11–ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش 1–لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سىرتقا يەتكۈزگەن توكى 6 مىليارد 350 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتتى، بۇ ئوتتۇرا جۇڭگو، شىمالىي جۇڭگو رايونىغا 3 مىليون توننا كۆمۈر يەتكۈزۈپ بەرگەنگە تەڭ بولۇپ، شىنجاڭغا 2 مىليارد 540 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈككە ئايلاندۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتتى.

  ئېلېكتىر تورىنى مۇقىملاشتۇرۇش، رايون ئىقتىسادىنى كۈنسايىن ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، 2–لىنىيە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ باشلانغان قۇمۇلنىڭ جەنۇبىدىن جېڭجۇغا يەتكۈزۈلىدىغان 士800 كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى ‹‹شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا چىقىرىش›› ئىقتىدارىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بۇ ئىككى قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ يىللىق سىرتقا توك چىقىرىش ئىقتىدارى 50–70 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، 35 مىليون توننا كۆمۈر يەتكۈزۈپ بەرگەنگە تەڭ بولىدۇ، شىنجاڭغا يېڭىدىن 30 مىڭ كىشىلىك ئىش ئورنى ھازىرلاپ بېرىدۇ، 6 مىليارد يۈەنگە يېقىن ئىقتىسادىي كىرىم يارىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ بىر پىرسەنت پوئېنتقا يېقىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كېيىنكى بەش يىلدا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى 126 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قۇمۇل–جېڭجۇ، شىمالىي قۇمۇل–چۇڭچىڭ، شەرقىي جۇڭغار–سىچۈەن قاتارلىق ئۈچ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىكەن. شىنجاڭ غەربىي شىمال ئېلېكتىر تورىنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق 2–لىنىيە قۇرۇلۇشى ۋە كۈچلۈك شىنجاڭ توك يەتكۈزۈش ئېلېكتىر تورى 30 مىليون كىلوۋاتلىق ‹‹شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش›› ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنى كەڭ دائىرىدە ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە