باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر بىلەن جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى بېيجىڭدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

2012.12.20 15:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى بىلەن 16–دېكابىر بېيجىڭدا شىنجاڭنىڭ كۆمۈردىن تەبىئىي گاز ئېلىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى جياڭ جيېمىن بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى مەركەزنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يەنىمۇ تەڭشەپ، سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چارلاش – ئېچىش، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدا تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. بۇ قېتىم ئىمزالىنىدىغان ئىستراتېگىيەلىك كېلىشىم بويىچە، جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى ئەسلىدىكى ئاساستا، قوللاش، ھەمكارلىق سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ. بۇ، مەركەزنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىشكە جەزمەن تۈرتكە بولىدۇ.

  جياڭ جيېمىن مۇنداق دېدى: بۇ كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ يېڭى پەللىسى، يېڭى ئابىدىسىگە ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر–خىمىيە سانائىتىنىڭ يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرۈشىگە پايدىلىق. شىركىتىمىز شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلققە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن كېلىشىمنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

  كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى بىلەن جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جۇ جىپىڭ كېلىشىمگە قول قويدى. كېلىشىمگە ئاساسەن، جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى شىنجاڭنىڭ كۆمۈر – خىمىيە سانائىتىنىڭ ساغلام، تېز راۋاجلىنىشىغا يەنىمۇ مەدەت بېرىدۇ ھەم شىنجاڭدا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى جەھەتتە سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز تەمىناتىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلققە بەخت يارىتىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن چې جۈن، كۈرەش مەخسۇت، ليۇ شىنچى، ليۇ يەنلياڭ، جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن لياۋ يۇڭيۈەن، ۋاڭ گولياڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە