باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر دىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تۇنجى تۈركۈمدە تەربىيەلىنىشكە بارغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياشلار ئوقۇشنى تاماملاپ قايتىپ كەلدى

2012.12.20 15:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھىرى قىبلىتاغ تارماق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى مالياۋدى كوچا باشقارمىسىنىڭ مەھەللە خىزمىتىگە مەسئۇل خادىمى نۇرىمان مىرئاۋۇت ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئىشقا سەھەر كەلدى. ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىن ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرگە تۇنجى تۈركۈمدە بېرىپ تەربىيەلىنىپ كەلگەن كۇرسانتنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن 7–ئايدا ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئىمتىھان بېرىپ ھازىرقى خىزمەت ئورنىغا ئورۇنلاشقان. ھازىرغىچە، تۇنجى تۈركۈمدىكى تەربىيەلىنىش ۋاقتى توشقان 3851 كۇرسانت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، يېزا–بازار ۋە مەھەللىلىرىگە بېرىپ، ئۆزلىرىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان خىزمەتكە ئورۇنلاشتى.

  2012–يىلى 5–ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش ئىشخانىسى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان 23 مىڭ ئوقۇغۇچىنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بېكىتكەن تەربىيەلەش نىشان ۋەزىپىسىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنداپ، تەربىيەلىنىشكە ئىختىيارىي قاتنىشىش پىلانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورۇندىدى، بۇ 2002–يىلىدىن 2009–يىلىغىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەن ياشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. ھازىر 20 مىڭغا يېقىن كۇرسانت شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق 180 ئالىي مەكتەپ ۋە ئىنستىتۇتتا بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە تەربىيەلىنىۋاتىدۇ، بۇ قېتىم خىزمەتكە ئورۇنلاشقانلىرى تۇنجى تۈركۈمدە تەربىيەلىنىپ كەلگەنلەر.

  ئىگىلىنىشچە، 2012–يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «يېزا–بازار، كوچا باشقارمىسى (مەھەللىلەر)دىكى كەسپىي ئورۇنلارغا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردە تەربىيەلىنىشكە بارغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش، باشقا ئىش ئورۇنلىرىنى پائال تەسىس قىلىش، يەنە 10 مىڭ ئوقۇغۇچىنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە تەربىيەلىنىشكە تاللاپ ئەۋەتىش» ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياشلارنى تەربىيەلەش ئىشخانىسى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە قىسمەن ناھىيە، شەھەر ھەم كارخانىلارغا تەكشۈرۈپ–تەتقىق قىلىشقا بېرىپ، ئاساسىي قاتلام بىلەن كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنى ئېھتىياجى توغرىسىدىكى پىكرىنى ئاڭلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك نازارەت، ئىدارىلەر بىلەن ئاساسىي قاتلام ۋە كارخانىلاردا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىش ئورنىنى تەسىس قىلىشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەت مەدىتىنى تەتقىق قىلىپ، 2012 – يىللىق ئىش ئورنى تەسىس قىلىش يۆنىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىش ئورنىدىن 12 مىڭ 200 نى تەسىس قىلدى، تەربىيەلەش ئوبيېكتىنىڭ دائىرىسىنى 2010–يىلىدىن 2011–يىلىغىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تولۇق كۇرس سىنىپلىرىنى پۈتكۈزگەن ياشلارغا قاراتتى ھەم تۆت ۋىلايەت–ئوبلاستتىكى تەربىيەلەش نىشانىنى 2002–يىلىدىن بۇيان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئالىي تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىغىچە كېڭەيتتى. ئالتە خىل رايوندىكى تەربىيەلەش ئوبيېكتلىرىنى 2002–يىلىدىن بۇيان مەكتەپ پۈتكۈزۈپ تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش مەلۇماتىغا ئىگە ياشلارغا قاراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە