باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر دا «راكنى ئۆلچەملىك داۋالاش ئۈلگە كېسەلخانىسى» بار بولدى

2012.12.20 15:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  راك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغانلار تاماق يېيەلمەي، ئۇخلىيالماي، ئاغرىقنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتىدۇ، قانداق قىلغاندا ئەنئەنىۋى داۋالاش مۇلازىمىتى ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، كېسەلنىڭ ئاغرىق ئازابىنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتىپ، ئۇلارغا ئىنسانىي غەمخورلۇق يەتكۈزگىلى بولىدۇ؟ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئۆسمە كېسەللىكلەر ئىچكى بۆلۈمىدىن بۇنىڭغا جاۋاب تاپتىم.

  ئىگىلىشىمچە، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «راكنى ئۆلچەملىك داۋالاش ئۈلگە كېسەلخانىسى» تۈرى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئۆسمە كېسەللىكلەر ئىچكى بۆلۈمى مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى «راكنى ئۆلچەملىك داۋالاش ئۈلگە كېسەلخانىسى» قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

  «راكنى ئۆلچەملىك داۋالاش ئۈلگە كېسەلخانىسى»دا چىراي ئىپادىسىگە قاراپ نومۇر قويۇش ئىسخېمىسى ئېسىلغان بولۇپ، چىراي ئىپادىسىگە ئاساسەن قويۇلغان نومۇر بويىچە ئاغرىق ئازابى يېنىك، ئوتتۇرا ھال، ئېغىر دەپ ئايرىلىپ، ھەر بىر باسقۇچتا قانداق دورا ئىشلىتىش كېرەكلىكى ئېنىق كۆرسىتىلگەنلىكىنى كۆردۈم. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئۆسمە كېسەللىكلەر ئىچكى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ليۇجياڭ: «راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئاغرىق دەستىدىن كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالانسا، تېببىي خادىملار سەككىز سائەت ئىچىدە ئۇنىڭ ئاغرىق دەرىجىسىنى باھالاپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ <ئۈچ باسقۇچلۇق> ئاغرىق پەسەيتىش پىرىنسىپى بويىچە داۋالاش لايىھەسى تۈزۈپ، زۆرۈر بولغان دورىلارنى ئىشلىتىپ مۇۋاپىق ئاغرىق پەسەيتىش تەدبىرى قوللىنىپ، كېسەلنىڭ ئاغرىق ئازابىنى يېنىكلىتىدۇ» دەپ تونۇشتۇردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ بۆلۈم يەنە ئاغرىقنىڭ ئوخشىمىغان كېسەللىك باسقۇچى، دورا ئىشلىتىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئاغرىق ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا مۇۋاپىق تەربىيە ۋە مەسلىھەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ كېسەلگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، قورقۇش ۋە رەت قىلىش پىسخىكىسىنى پەسەيتىدىكەن ۋە تىزگىنلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە