باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر دا 5295 مېيىپ بالا «ئەتە پىلانى»دىن مەنپەئەتلەندى

2012.12.20 15:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا شىجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2004–يىلى 9–ئايدا «مېيىپ بالىلارنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىپ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەتە پىلانى»نى يولغا قويغاندىن بۇيان، شىجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرىدا ۋە ئائىلىلەردە بېقىلىۋاتقان 5295 مېيىپ بالا ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىنغان.

  قەشقەرلىق قىزچاق مۇيەسسەر تۇغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاتا – ئانىسىدىن يېتىم قالغان. بەختكە قارشى بۇ قىز تۇغما يۈرەك كېسىلى بولۇپ، كېسىلى قوزغالغاندا يول ماڭالماي قالاتتى، كالپۇكلىرى، بارماقلىرى كۆكىرىپ كېتەتتى. ئۇ تۆت يىل ئىلگىرى ‹‹مېيىپ بالىلارنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىپ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەتە پىلانى››غا كىرگۈزۈلۈپ ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىنغاندىن كېيىن، ھازىر كېسەللىك ئازابىدىن ئۈزۈل–كېسىل قۇتۇلدى. مېيىپ بالىلارنىڭ ساغلاپ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز 2004–يىلى 9–ئايدا «مېيىپ بالىلارنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىپ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەتە پىلانى»نى يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرىدا ۋە ئائىلىلەردە بېقىلىۋاتقان 18ياشتىن تۆۋەن، ئوپېراتسىيە قىلىش شەرتىگە توشىدىغان مېيىپ بالىلارنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالىدى. ئوپېراتسىيە قىلىش شەرتى ھازىرلانغان مېيىپ بالىلارنىڭ ئوپېراتسىيەدىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش ھەققى، كېسەلخانىدا يېتىش ھەققى، ئوپېراتسىيە ھەققى، يالغان قول–پۇت سېلىش ھەققى، داۋالىنىش ھەققى، قاتناش ھەققى قاتارلىقلارنى ئاتچوت قىلىپ بەردى، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىش جەريانىدا، ھەر بىر بالىغا يەنە ئوزۇقلۇق ياردەم پۇلى بەردى.

  بۇ يىل شىجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 500 مېيىپ بالىنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشنى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قاتارىغا كىرگۈزدى، شىجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسى مەخسۇس مۇتەخەسسىس ئاجرىتىپ بۇ ئىشقا مەسئۇل قىلدى. ھازىر يىللىق ۋەزىپە ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى، مېيىپ بالىلارنىڭ ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ساقىيىش نىسبىتى %96.2كە يېتىپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە