باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۈگۈن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرىسى 0دىن تۆۋەن 19 گىرادۇسقا چۈشتى

2012.12.20 14:53         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرى. سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ كىرىشىگە ئەگىشىپ، بۈگۈن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرىسى 0دىن تۆۋەن 19 گىرادۇسقا چۈشتى، تۆۋەن تېمپىراتۇرىلىق ھاۋارايى ھادىسىسى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىشىغا يەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى.

  تۈنۈگۈن چۈشتىن ئىلگىرى سائەت 8دە، مۇخبىر يەنئەن يولىدىكى چېگرا رايون مېھمانخانىسىنىڭ ئاپتوبۇس بىكىتىدە، ئاپتوبۇس ساقلاپ تۇرغان يولۇچىلارنىڭ توڭلاپ كەتكەنلىكىنى كۆردى. شەھەر ئاھالىسى خې ئەپەندى مۇنداق دېدى: مەن 63- ۋە 912-يول كوچا ئاپتوبۇسىدا ئولتۇرىمەن، بەزى چاغدا ئاپتوبۇسلارنىڭ ئىچى ئىسسىق، بەزىدە سوغۇق، بەزى ئاپتوبۇس تۇتقۇچلىرىغا لاتا ئورالمىغان بولۇپ، ئادەم تۇتۇشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ.

  مۇخبىر جېنباۋ ئاممىۋى قاتناش شىركىتىنىڭ بەزى يېڭى ئاپتوبۇسلىرىنىڭ ئىچىىنىڭ تېمپىراتۇرىسىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، بەزىلىرى يەنى 912- ۋە 911-يولدا قاتناۋاتقان بەزى كونىراق ئاپتوبۇسلارنىڭ ئىچىنىڭ تېمپىراتۇرىسىنىڭ يۇقىرى ئەمەسلىكىنى بايقىدى. 912-يول كوچا ئاپتوبۇسىنىڭ شوپۇرى قۇربان مۇنداق دېدى: ئەتىگەندە ئاپتوبۇس ئوت ئالغان ۋاقىتتا بەك سوغۇق بولۇپ كىتىدۇ، ئاپتوبۇس ئىچىدىكى پار ئېچىق ھالەتتە تۇرسىمۇ، ئاپتوبۇس ئىچى ئىسسىمايدۇ.

  ئۇنىڭدىن كىيىن مۇخبىر تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسى BRT 3-نومۇرلۇق لىنىيىسىنىڭ يەنئەن يولى بىكىتىگە كىلىپ، بۇ يەردە نۇرغۇن يولۇچىنىڭ ئىسسىنىش ئۆيىدە تۇرغانلىقىنى، ئۆي ئىچىنىڭ تېمپىراتۇرسىنىڭ 20.3 گىرادۇس ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى. شەھەر ئاھالىسى ليۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى: بىز بىكەتتە ئىككى، ئۈچ مىنۇت ساقلىساق BRT كىلىدۇ، ئاپتوموبىلنىڭ يولغا چىقىش ۋاقتى تېز، BRT نىڭ تېمپىراتۇرسىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى. BRT نىڭ شوپۇرى ئۆمەرجان مۇنداق دېدى: پارنى ئاچساقلا ئاپتوبۇس ئىچى ئىسسىيدۇ، بەزى بىكەتلەرنىڭ يول يۈزى تۈز ئەمەس، ئىشقىلىپ ئازراق دىققەت قىلسىلا ھىچ ئىش بولمايدۇ، ھەر بىر بىكەتتىكى خادىملار ھەر ۋاقىت ئاپتوبۇسنى ئاستىراق ھەيدەشنى سەمىمىزگە سېلىپ تۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە