مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلىتىمىز «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش دەۋرى»گە قەدەم قويدى يۈز ياشلىق ياشانغانلاردا مۇنداق ئۈچ روشەن ئالاھىدىلىك بار

2023.02.22 23:39 مەنبە: تىيانشان تورى


3-نۆۋەتلىك جۇڭگو نوپۇس ۋە تەرەققىيات مۇنبىرى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو نوپۇس ۋە تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى «جۇڭگونىڭ ياشانغانلار ساغلاملىقى ۋە ئائىلە بەختىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش» نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، چوڭ ياشلىق ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشتىن رازى بولۇش دەرىجىسى يۇقىرى، پەرزەنتلىرىنىڭ ۋاپادارلىق كۆرسەتكۈچى ياخشى بولغان.


جۇڭگو نوپۇس ۋە تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى، بېيجىڭ داشۆسى دۆلەت تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتى، جۇڭگو پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيىتى بىرلىكتە قانات يايدۇرغان جۇڭگو ياشانغانلار ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈشتە يۈز ياشلىق ياشانغانلار يادرو قىلىنىپ ئەۋرىشكە ئېلىنغان، 80 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشانغانلار تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ %71.2ىنى ئىگىلىگەن. تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان ياشانغانلار ئىچىدە، كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىدا تۇرىدىغانلار %2.9نى، يالغۇز تۇرىدىغانلار %19.6نى، ئوغلى بىلەن بىللە تۇرىدىغانلار %41.8نى، يالغۇز تۇرىدىغانلار ۋە جورىسى بىلەنلا تۇرىدىغانلار %45نى ئىگىلىگەن. %80 ياشانغان كىشىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن ئائىلە ئەزالىرى خەۋەر ئالىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئوغلى ۋە كېلىنى ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ياشانغانلار يېرىمىنى ئىگىلەيدىكەن. جەمئىيەت مۇلازىمىتى ۋە ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى تەمىنلەيدىغان خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتى تەخمىنەن %5.32نى، مەخسۇس ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچىلار تەمىنلەيدىغان خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتى تەخمىنەن %5.44نى ئىگىلەيدىكەن. 80 ياشتىن بۇرۇن، جورىسى ھالىدىن خەۋەر ئېلىش سۇبيېكتى بولۇپ، 80 ياشتىن كېيىن، پەرزەنتلىرى، نەۋرىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش نىسبىتى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، جورىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش نىسبىتى تېز سۈرئەتتە ئازايغان.



جۇڭگو نوپۇس ۋە تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى خې دەن: بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە يۈز ياشلىق ياشانغانلاردا مۇنداق ئۈچ روشەن ئالاھىدىلىكنىڭ بارلىقىنى بايقىدۇق، بىرىنچى، روھىي ھالىتى تىنچ، ئەزەلدىن كىچىك ئىشلار ئۈچۈن باش قاتتۇرمايدۇ. ئىككىنچى، يېمەك-ئىچمىكى مۇۋاپىق، يېمەكلىكنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ. ئۈچىنچى، ئەقلىي ئىقتىدار تۈرىدىكى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ، كىتاب ئوقۇيدۇ، گېزىت كۆرىدۇ، ھەتتا تورغا چىقىدۇ.



رەقەملىشىشنىڭ ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىغا بولغان تەسىرى تېز ئاشماقتا. 65 ياشتىن 69 ياشقىچە بولغان ياشانغانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئىشلىتىش نىسبىتى %50تىن ئاشىدۇ. 100ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەرنىڭ ئىچىدە %1.3ى يەنىلا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئىشلىتىدۇ. %82.2 ياشانغان كىشى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلىفون ئارقىلىق سىنلىق پاراڭلىشىدۇ، %55.5ى يان تېلېفوننى خەۋەر كۆرۈش، كىنو، تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرۈش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىدۇ.

جۇڭگو نوپۇس ۋە تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى خې دەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو نوپۇس ۋە تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۆلچەرىدىن قارىغاندا، 2050-يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزدىكى 80 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ سانى ئىككى ھەسسە قاتلىنىدىكەن، بۇ بىزنىڭ جۇڭگونىڭ ھازىر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ