مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شېكەرسىز كولا ئوخشاشلا دىيابېت كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

2021.11.30 22:37 مەنبە: تىيانشان تورى

كولادا شېكەر مىقدارى يۇقىرى، سالامەتلىككە پايدىسى يوق، شۇڭا شېكەرسىز كولا ئىچكەن ياخشىمۇ؟ شىۋېتسىيە كارولىن تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شېكەرسىز كولا ئادەتتىكى كولاغا ئوخشاشلا «خەتەرلىك» بولۇپ، بىر كۈندە ئىككى ئىستاكان ئىچكەندە دىيابېت كېسەللىكى خەۋپىنى بىر ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.
تەتقىقات گۇرۇپپىسى 2874 پىدائىينى يىغىپ، ئۇلارغا بىر يىلدا ئىچكەن ئىچىملىك ئەھۋالىنى خاتىرىلەتكەن. نەتىجىدە بىر كۈندە ئىككى ئىستاكان ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تاتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچكەن پىدائىيلارنىڭ Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئىچىملىك ئىچمەيدىغان پىدائىيلارغا قارىغاندا 2.4 ھەسسە يۇقىرى بولغان. تاتلىق ئىچىملىكلەر تەركىبىدە شېكەر بولغان ئىچىملىكلەر ۋە سۈنئىي تاتلىق خۇرۇچ قوشۇلغان ئىچىملىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شېكەرسىز كولا ۋە شېكەرسىز شېرىن ھاراق قاتارلىقلار كېيىنكىسىگە تەۋە. بىر كۈندە 5 ئىستاكان، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ شېكەرسىز ئىچىملىك ئىچكەن پىدائىيلارنىڭ Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى 4.5 ھەسسە يۇقىرى بولغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ يەنىمۇ تەكشۈرۈشىدىن بايقىلىشىچە، كۈندە 200 مىللىلىتىر تەركىبىدە شېكەر بولغان گازلىق ئىچىملىك ئىچكەندە، Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە دۇچار بولۇش خەۋپى %21 ئاشىدىكەن، كۈندە بىر ئىستاكان شېكەرسىز گازلىق ئىچىملىك ئىچكەندە بولسا خەۋپ %18 ئاشىدىكەن.

تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، شېكەرسىز ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدە شېكەر بولغان ئىچىملىكلەر ئوخشاشلا «خەتەرلىك» بولۇشىدىكى سەۋەب: شېكەرسىز ئىچىملىكلەر ئىشتىھاغا تەسىر قىلىشى مۇمكىن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەردە شېكەر مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش ئىستىكى ئاشىدىكەن؛ بۇنىڭدىن باشقا، سۈنئىي تاتلىق خۇرۇچلار ياغ توقۇلمىسى ئىچكى قىسمى ۋە ئۈچەي يولى باكتېرىيەسىنىڭ خىمىيەلىك رېئاكسىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئورگانىزملارنىڭ گىلۇكوزا چىدامچانلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى «ياۋروپا ھورمونلار ئىلمى ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ