مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئانارلىق باغلارنىڭ كۈزلۈك پەرۋىشى

2021.11.30 22:37 مەنبە: تىيانشان تورى

1. ئانار دەرىخىنى يوپۇرماقلىرى تۆكۈلگەندىن تارتىپ كۆمۈشكىچە بولغان ئارىلىقتا چاتاش لازىم. بۇنىڭدا ئاساسلىقى بولۇق ئۆسكەن، تۆۋەنگە ساڭگىلىغان، غۇژمەكلىشىپ ئۆسكەن، قۇرۇغان، كېسەل، ھاشارات زىيىنىغا ئۇچرىغان شاخلار چاتىلىدۇ. لېكىن يېڭىدىن مۇقىملاشتۇرۇپ تىكىلگەن ئانار كۆچىتىنى چاتىماسلىق كېرەك.

2. باغنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇش ۋە پاكىز تازىلاش لازىم. باغنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇش ئارقىلىق باغ ئىچىدە قىشتىن ئۆتىدىغان كېسەل مىكروبى، زىيانداش ھاشارات ۋە ئۇلارنىڭ تۇخۇملىرىنى يوقاتقىلى بولىدۇ. ئاغدۇرۇش چوڭقۇرلۇقى ئادەتتە 25 – 30 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. يەنە قۇرۇغان شاخ – شۇمبا، يوپۇرماق، ئوت – چۆپ، كېسەل، ھاشارات زىيىنىغا ئۇچرىغان شاخ، سېسىغان ۋە شاختا قۇرۇپ قالغان مېۋە قاتارلىقلارنى پاكىز تازىلاپ، باغ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ چوڭقۇر كۆمۈش ياكى كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش لازىم.

3. دەرەخ غولىنى قىرىپ ئاقارتىش لازىم. ھاشاراتلارنىڭ تۇخۇمى قوۋزاق يېرىقى ئىچىدە قىشتىن ئۆتىدۇ، شۇڭا قوۋزاقنى قىرىپ ھاك سۈيى بىلەن ئاقارتىش لازىم. قوۋزاقنى قىرىشتا كىچىك ۋە ئاجىز دەرەخلەرنىڭ قوۋزىقىنى يېنىك قىرىش؛ قۇرۇپ قالغان، چوڭ دەرەخ ۋە باراقسان ئۆسكەن دەرەخلەرنىڭ قوۋزىقىنى بەكرەك قىرىش ۋە ئاقارتىش لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندا دەرەخ قوۋزىقى ئاستىدىكى ۋە يېرىقچىلار ئىچىدىكى زىيانداش ھاشاراتلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇخۇمىنى يوقىتىپلا قالماي، يەنە ئۈششۈكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئاقارتىش سۇيۇقلۇقىنى تەييارلاش ئۇسۇلى: ئون كىلوگىرام ھاك، بىر كىلوگىرام گۈڭگۈرت پاراشوكى، بىر كىلوگىرام ئاشتۇزى، 0.1 كىلوگىرام ئۆسۈملۈك مېيى ۋە 20 كىلوگىرام سۇنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. ئاقارتىش سۇيۇقلۇقىنى چوقۇم ئۇدۇللۇق تەييارلاپ، ئۇدۇللۇق ئىشلىتىش، تۇرۇپ قالغان دورىلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش لازىم.

4. مېۋىنى يىغىۋالغاندىن كېيىن، يوپۇرماق تۆكۈلۈشتىن ئىلگىرى ئاساسىي ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش لازىم. بۇ دەرەخنىڭ سوغۇققا چىدامچانلىقى ۋە قۇرغاقچىلىققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا، كېلەر يىللىق ھوسۇلنىڭ يۇقىرى ۋە مېۋە سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇشىغا پايدىلىق.

ئوغۇتلاش ئۇسۇلى: دەرەخ تاجىسىنىڭ سىرتقى قىسىمىغا چوڭقۇرلۇقى 30 – 50 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 40 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ھالقىسىمان ئورەك كولاپ ئوغۇتلاش لازىم. ئوغۇتلاش مىقدارىنى دەرەخ ئەھۋالىغا، دەرەخنىڭ يېشىغا، يەرنىڭ ئۈنۈمدارلىقىغا ۋە شۇ يىللىق ھوسۇلنىڭ مىقدارىغا قاراپ بەلگىلەش لازىم. ئادەتتە مېۋىگە كىرگەن ھەر بىر تۈپ دەرەخنى 20 كىلوگىرام تولۇق چىرىگەن سۈپەتلىك مەھەللىۋى ئوغۇتقا ئۈچ كىلوگىرامدىن بەش كىلوگىرامغىچە فوسفورلۇق ئوغۇتنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ئوغۇتلاش لازىم.

5. مۇۋاپىق ۋاقىتتا توڭ ياتقۇزۇپ كۆمۈش لازىم. دەرەخ تۈۋىنى ئاغدۇرۇپ ئوغۇتلاپ بولغاندىن كېيىن، قىشلىق توڭ سۈيىنى ۋاقتىدا قويۇش ئانار دەرىخىنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە پايدىلىق. كۆمۈشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن شال پاخىلى بىلەن ئوراپ، ئارقىدىن تاش ياكى چالما بىلەن مەھكەم باستۇرۇپ، ئاندىن توپا بىلەن كۆمۈش لازىم. كۆمۈش قېلىنلىقى ئادەتتە 20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. بۇنىڭدا تۇپراقنىڭ نەم، بوش بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. كۆمىدىغان توپىنى دەرەخ يىلتىزىدىن يىراقراق جايدىن ئېلىپ، دەرەخ يىلتىزىنى زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ