مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوپتىك دىسكىنى ئاپتوموبىلنىڭ قۇياش نۇرىنى توسىدىغان تاختىيىغا قىستۇرماڭ

2021.11.30 22:35 مەنبە: تىيانشان تورى

ئوپتىك دىسكا پولىي كاربونات دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئوپتىكىلىق يالتىراقنىڭ سىرتىغا بىر قەۋەت ئاليومىن ياكى بىرىكمە مېتاللىق نېپىز پەردە قوشۇلۇپ، يەنە بىر قەۋەت قوغداش سىرى سۈرۈپ ياسىلىدۇ. پولىي كاربونات تەركىبىدە بىسىپخونېل A ۋە بېنزول بار بولۇپ، ئوپتىك دىسكىنىڭ تاشقى يۈزىدىكى باسما مېيىدىمۇ بېنزول ۋە ئېغىر مېتاللار بار. بېنزول زەھەرلىك ئېرىتىش سۇيۇقلۇقى بولۇپ، نېرۋا سىستېمىسى ۋە قان ئىشلەش ئورگانىزمىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ئېغىر مېتالنىڭ قوبۇل قىلىنىشى زىيادە كۆپ بولسا، ئادەمنى زەھەرلەيدۇ، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ياز پەسلىدە ئاپتوموبىل ئىچى تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇياش نۇرى ئاپتوموبىلغا بىۋاسىتە چۈشكەچكە، بەزىدە تېمپېراتۇرا 70 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدۇ. تېمپېراتۇرا 60 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشقاندا زىيانلىق ماددىلار ھاۋاغا تارقىلىپ، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بىسىپخونېل A دا مۇئەييەن ھامىلىنى زەھەرلەش ۋە غەيرىي تۆرەلمە پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتى بار، ئەگەر ئۇزاق مۇددەت زىيادە ئىشلەتسە، راك كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوپتىكىلىق دىسكىنى ئاپتوموبىلدا باشنىڭ ئۈستىدىكى كۈن نۇرىنى توسىدىغان تاختىغا قويغاندا، ئاپتوموبىل ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ياكى قاتتىق تورمۇز تۇتقاندا ئوپتىك دىسكا ئۇچۇپ چىقىپ ئادەمنى يارىلاندۇرۇشى مۇمكىن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ