مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈچ خىل كۆكتاتنى ئىستېمال قىلىڭ

2021.11.30 22:34 مەنبە: تىيانشان تورى

كۈز پەسلى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ قۇرغاق پەسىل بولۇپ، بۇ پەسىلدە ئۆپكە ئېغىر سىناققا دۇچ كېلىپ يۆتىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. يېمەكلىك جەھەتتە ئۆپكىنى سىلىقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا ئۆپكىنى ئاسراشتا كۈتۈلمىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

تۇرۇپ بەلغەمنى بوشىتىپ يۆتەلنى توختىتىدۇ. كۈزدە زۇكام ۋە كاناي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەر ئاسان قوزغىلىپ، يۆتىلىش ۋە بەلغەم كۆپىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئاق تۇرۇپنى قايناتقان شورپا ۋە ئاق تۇرۇپ بىلەن دۈملەپ پۇشۇرۇلغان گۆش بۇنداق كېسەلنىڭ ياخشى داۋاسى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو تېبابىتىدە گۆش قۇۋۋەت تولۇقلاپ بەلغەمنى يوقىتىدۇ. ئاق تۇرۇپ بەلغەمنى بوشىتىدۇ. شۇڭا ئىككىسىنى بىرلەشتۈرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.

نىلۇپەر قۇرغاقلىقنى تۆۋەنلىتىپ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدۇ. كۈز پەسلى دەل نىلۇپەر بازارغا كىرىدىغان ۋاقىت بولۇپ، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، قۇرغاقنى نەمدەش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش رولىنى ئوينايدۇ. نىلۇپەرنىڭ يەر ئاستىدىكى غولىنى قاينىتىپ، شىرنە قىلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل قوشۇپ ئىستېمال قىلسا ياكى نىلۇپەر بىلەن گۈلسامساقنى قورۇپ ئىستېمال قىلسا، كۈز پەسلىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۆپكە قۇرغاقلىشىپ قۇرۇق يۆتىلىشنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

چاقما كاۋا ئۆپكىنى نەمدەپ قۇۋۋەتنى ئاشۇرىدۇ. چاقماق كاۋا تەركىبىدە كارۇتېن ۋە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بولۇپ، كۈز پەسلىدە كۆپرەك ئىستېمال قىلسا ئۆپكىنى نەمدەش ۋە بەلغەمنى بوشىتىش قاتارلىق ئۈنۈمى بار. چاقماق كاۋا بىلەن نومى گۈرۈچىنى ئارىلاشتۇرۇپ شوۋىگۈرۈچ قىلىپ ئىستېمال قىلسا ئاشقازاننى ئىللىتىش، ئۆپكىنى نەمدەش، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش ۋە بوشلۇقنى تولۇقلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ، كەچ كۈزدە ھاۋا سوۋۇغاندا ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ