قىشتا پۇتىنى ئىسسىق ساقلىغان ياخشى
پۇتنىڭ ئالقىنى بىلەن ئۈستۈنكى نەپەس يولى شىلمشىق پەردىسىنىڭ ئارىلىقى گەرچە يىراق بولسىمۇ، بىراق نېرۋا يوللىرى ئارقىلىق ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر پۇت مۇزلىسا، ئۈستۈنكى نەپەس يولى شىلىمشىق پەردىسىگە تارقالغان قىل قان تومۇرلار قىسقىراپ، بۇ يەرگە كېلىدىغان ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى ئازىيىدۇ. نەتىجىدە باكتېرىيە، ۋىرۇس قاتارلىق كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى مىكروبلار ۋاقتىدا تازىلانماي قېلىپ ھەم كۆپىيىپ، زۇكام، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، نەپەس يولى ياللۇغى قاتارلىق ھەر خىل كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇتنىڭ تېرە ئاستى ياغ قاتلىمى نېپىز بولغانلىقتىن ۋە پۇت سوغۇق يەر يۈزى بىلەن تېگىشىپ تۇرىدىغانلىقتىن، ئادەتتىمۇ تىمپېراتۇرىسى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا قىش كۈنلىرى پۇتىڭىزنى ئىسسىق ساقلاڭ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ