مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قىش پەسلىدە قىچىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى

2021.11.30 22:34 مەنبە: تىيانشان تورى

قىش پەسلىدە ھاۋا قۇرغاق بولۇپ، تېرىسى قىچىشىدىغان ئادەملەر بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. بەزى كىشىلەر تېرىنىڭ قىچىشىشىنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى كىچىك بولىدۇ، تاتلىسا ياكى مۇنچىغا چۈشسە ساقىيىپ قالىدۇ دەپ قارايدۇ. بىراق زىيادە تاتلىسا تېرىنىڭ توسۇقلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. بەزى تېرىلەرنىڭ قىچىشىشى بەدەنگە قۇتقۇزۇش سىگنالى چىقىرىپ، بەدەندە كېسەل پەيدا بولۇۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ. ئۇنداقتا نېمە سەۋەبتىن تېرە قىچىشىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ؟

قىچىشىشنىڭ مەنبەسىنى تېپىش كېرەك

قىش پەسلىدە ئادەم بەدىنىدىكى ھۆللۈك تەدرىجىي ئازىيىپ، تېرىدە سۇ كەمچىل بولۇش ئەھۋالى پەيدا بولۇپ، قىچىشىش كېلىپ چىقىدۇ. ھاۋا سوۋۇغانلىقتىن نۇرغۇن كىشىلەر قىزىق سۇدا يۇيۇنىدۇ، ھەتتا ئىشقارلىقى يۇقىرى يۈز سوپۇن، دورىلىق سۇپۇنلارنى ئىشلەتكەنلىكتىن، ئەسلىدىنلا قۇرغاق بولۇۋاتقان تېرىدىكى ماينىڭ نەملىكىنى يوقىتىپ، تېرىنىڭ قىچىشىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى قىچىشىشلار مەلۇم دورىلارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: دىيابېت كېسىلى، ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى، ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر، ئۆت كېسىلى ۋە بەزى قان كېسەللىكلىرى دورىلىرىنىڭ تەسىرىدىن قىچىشىشى مۇمكىن. بەزى ئىچكى ئەزا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى تېرە قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن: دىيابېت كېسىلى، بويۇن كېسىلى، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە قاتارلىقلاردىن بولغان قىچىشقاقلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

ئەل ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن رېتسېپ قىچىشىشنى توختىتىشقا ياردەم بېرىدۇ

قۇرغاقچىلىق تەسىرىدىن كېلىپ چىققان قىچىشىشقا بۇ رېتسېپنى سىناپ بېقىشقا بولىدۇ: قىچىشىشنى توختىتىش دورىسى چۈچۈكبۇيا مېيى. چۈچۈكبۇيا مېيىدىن 10 گىرام، كۈنجۈت مېيىدىن 100 مىللىلىتىر تەييارلايمىز. ياساش ئۇسۇلى مۇنداق: چۈچۈكبۇيىنى كېسىپ پارچىلاپ، ئۇنى كۈنجۈت يېغىغا سېلىپ، بىر كېچە چىلاپ قويىمىز. ئەتىسى ئۇنى قازانغا سېلىپ قاينىتىمىز. ئوتنى 1-2 مىنۇت ئۇلغايتقاندىن كېيىن، ئوتتۇراھال ئوتقا تەڭشەپ، چۈچۈكبۇيا قۇرۇپ كەتكۈچە قاينىتىپ، ئوتنى توختىتىمىز. قاينىتىپ بولغان ماينىڭ چۆكۈندىسىنى ئېلىۋەتسەك چۈچۈكبۇيا مېيى ھاسىل بولىدۇ. ئۇنى قىچىشقان ئورۇنغا سۈرسەك، نەملىكنىڭ پارغا ئايلىنىشىنى ئازايتىپ، تېرىنىڭ تاشقى يۈزىنىڭ ئاسراش قەۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز. ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، چۈچۈكبۇيا مېيىنى بىر كۈندە كۆپ بولغاندا ئىككى قېتىم ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

يېمەكلىك بىلەن تولۇقلاشتا ئىچكى جەھەتتىن كۈتۈنۈش كېرەك

تېرىنى توغرا ئۇسۇلدا ئاسراشتا، ئىچكى جەھەتتە كۈتۈنۈش ناھايىتى مۇھىم. ئادەتتە قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچكەندە بەدەندىن ئېقىپ كەتكەن نەملىكنى تولۇقلاپ، تېرىنى نەملىك بىلەن تەمىنلەشنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، سەۋزە، چاقماق كاۋا، كالا سۈتى ۋە پۇرچاق بوتقىسى قاتارلىق نەملىك مول يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك. مېۋە-چېۋىلەرنىڭ ئىچىدە نەشپۈت نەملىكنى كۆپەيتىدىغان مېۋە بولۇپ، نەشپۈت سېلىنغان شوۋىگۈرۈچنى ئىچكەندە نەملىكنى ئاشۇرۇش، ئۆپكىنى نەمدەپ بەلغەمنى تۈگىتىش، يۈرەكتىكى ئىسسىقلىقنى تازىلاش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئۇ ياشانغانلار ۋە ياشلارنىڭ ئىچىشىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ