مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەسەل ھەرىسىنى قىشتىن بىخەتەر ئۆتكۈزۈشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

2021.11.30 22:33 مەنبە: تىيانشان تورى

1. رايونىمىزدا قىش پەسلى سوغۇق، كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بىرقەدەر چوڭ بولغاچقا، سوغۇققا چىداملىق، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى يۇقىرى ئانا ھەرىلەرنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش تولىمۇ مۇھىم. ئەگەر ئەتراپىمىزدا بولمىسا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن سورتلۇق، سۈپەتلىك ئانا ھەرىنى ئېلىپ كېلىپ كۆپەيتسەك بولىدۇ.

2. كۈزدە چېچەك تۈگەپ ھەسەل ئېلىش تاماملانغاندىن كېيىن دورا ئىشلىتىپ ھەرىلەرنى ھەرە كانىسى ۋە باشقا قان شورىغۇچى ھاشاراتلاردىن ساقلاش كېرەك.

3. ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ كۈزلۈك چېچەكتىن يىغقان ئاخىرقى قېتىملىق ھەسىلىنى ئالماسلىق كېرەك.

4. ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن 10 – ئاينىڭ ئاخىرى ياكى 11 – ئاينىڭ باشلىرىدا بارلىق ھەرىلەرنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، ساندۇقتا ساقلانغان ھەسەل مىقدارى ۋە تولۇقلاشقا تېگىشلىك شىرنە مىقدارىنى ئىستاتىستىكا قىلىش كېرەك.

5. قىشتا ئانا ھەرىنىڭ تۇغۇشىنى چەكلەپ، چېچەكسىز ۋە گۈل چېڭىسىز مۇھىتتا ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز بالا ھەرىلەرنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

6. ساندۇقتىكى شىرنىنىڭ ئاز – كۆپلۈكىگە ئاساسەن ھەر بىر ھەرە ساندۇقىغا 1:1 نىسبەتتە سۇيۇلدۇرۇلغان شېكەر شىرنىسىدىن بەش كىلوگىرامدىن ئالتە كىلوگىرامغىچە قويۇش لازىم.

7. ھەسەل ھەرىسىنىڭ سوغۇقتىن بىخەتەر ئۆتۈشى ئۈچۈن، ھەرە ساندۇقىدىكى ھەرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، سوغۇقتا ساندۇقنىڭ تېمپېراتۇرىسىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

8. يۇقىرىقى بىر قاتار خىزمەتلەرنى تاماملىغاندىن كېيىن ھەرە ساندۇقلىرىنى قىشتىن ئۆتكۈزۈش مەيدانىغا يۆتكەپ، چاشقان زىيىنىدىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى ياخشىلاپ، قىشلىق يېپىنچا ۋە ئىسسىقلىق ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاپ، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن يېپىنچىنى ئاستا – ئاستا قېلىنلىتىش ۋە نېپىزلىتىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ