ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر سىز دۈشەنبە ئەتىگەندە قىينىلىپ ئورۇندىن تۇرغاندا، ئۆزىڭىزنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا كۆپ ئۇخلىغانلىقىڭىزدىن ئاغرىنىشىڭىز مۇمكىن.
بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا مۇنداق دېيىلگەن، شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنى كۆپرەك ئۇخلاش ئارقىلىق، ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئۇيقۇسىنى «تولۇقلاش» بىر خىل خاتا ئۇسۇل.
بۇ تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە، ھەپتە ئاخىرىدا قېنىپ ئۇخلىسا خىزمەتچىلەرنىڭ يېڭى بىر ھەپتىدىكى زېھنى ۋە جىسمانى كۈچىنى ئۇرغۇتالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇلارنى تېخىمۇ چارچىتىۋېتىدۇ.
ئادەمنىڭ بىئولوگىيەلىك سائىتى 24 سائەتنى بىر دەۋرىيلىك قىلىدۇ، ھەپتە ئاخىرىدا ئادەتتىكى چاغلاردىن كۆپ ئۇخلىغاندا، بىئولوگىيەلىك سائەت قالايمىقانلىشىپ، ئادەتتىكى ھالەتكە قايتماقچى بولغاندا تېخىمۇ چارچاش ھېس قىلىدۇ.
تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى داللاس غەربىي جەنۇپ مېدىتسىنا مەركىزىنىڭ ئۇيقۇ مۇتەخەسسىسى دوكتور گرىگورى كات مۇنداق دېدى: ئۇيقۇ كەمچىل بولۇشقا ئالاقىدار بولغان بىر خىل خاتا قاراش شۇكى، ئەگەر خىزمەت كۈنلىرىدە ئۇيقۇ كەمچىل بولسا، بىز ھەپتە ئاخىرىدا ئۇيقۇ تولۇقلايمىز، قانچە سائەت كەمچىل بولسا، شۇنچە سائەت ئۇخلايمىز.
ئادەم بەدىنى ئەڭ كۆپ بولغان بىر سائەت كېچىكتۈرۈشتەك بىئولوگىيىلىك رېتىمغا ماسلىشالايدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەپتە ئاخىرىدا ئادەتتىكى چاغلاردىن سەل كۆپ ئۇخلىسا، دۈشەنبە كۈنىدىكى چارچاشقا ئانچە بەك تەسىر كۆرسەتمەيدۇ
بىراق، ئىككى سائەت كېچىكىپ ياكى ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتا ئورۇندىن تۇرغاندا ئادەم بەدىنى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، يەكشەنبە كۈنى ئۇخلىشى تەسكە توختايدۇ، ھەمدە 2- كۈنى ئەتىگەندە تۇرۇشى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدۇ.
دوكتور كاتنىڭ دېيىشىچە، خىزمەت كۈنىدە ئۇخلاش ۋاقتى كېچىكىپ قالغانلىقتىن «زىيان تارتقان ئۇيقۇ» نى شەنبە كۈنى ياكى يەكشەنبە كۈنى تولۇقلاشقا بولىدۇ، بىراق 8 سائەتلا ئۇخلاش كېرەك. چۇنكى ئادەم ھېرىپ – چارچىغاندا، چوڭ مېڭىنىڭ ئارام ئېلىش ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
ئەڭ ياخشى چارە بولسا ئىككىنچى كۈنى نورمال ۋاقىتتا ئورۇندىن تۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى بولغان ئارام ئېلىش ئۈچۈن، ھەپتە ئاخىرىدا ئادەتتىكى چاغلاردىن بالدۇرراق ئورۇندىن تۇرسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ھەتتا ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ.