مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قەھۋەنى قانچىلىك ئىچكەندە ئۈنۈمى بولىدۇ؟ بۇنى گېن بەلگىلەيدۇ

2021.11.30 22:30 مەنبە: تىيانشان تورى

بەزىلەر بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچسىلا روھلىنىپ قالىدۇ، بەزىلەر 5 ئىستاكان ئىچسىمۇ ئۈنۈمى بولمايدۇ. بىر تۈرلۈك بىرلەشمە تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇنى گېن بەلگىلەيدىكەن. ئەنگلىيە ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئىتالىيەدىكى تىرىئېستې ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار گوللاندىيە ۋە ئىتالىيەدىكى 3000 «قەھۋە ھەۋەسكارى» نىڭ DNA سىنى تەھلىل قىلغان ھەمدە ئۇلارغا كۈندىلىك قەھۋە ئىستېمال مىقدارى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى تولدۇرغۇزغان، نەتىجىدە PDSS2 گېن ئۆزگىرىشىنى ئېلىپ يۈرگۈچى ئوبيېكتلارنىڭ كۈندىلىك قەھۋە ئىستېمال مىقدارى بۇ گېن ئۆزگىرىشىنى ئېلىپ يۈرمەيدىغانلارغا قارىغاندا تۆۋەن چىققان. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، PDSS2 گېن ئۆزگىرىشى ئادەم بەدىنىنىڭ كوففېئىننى پارچىلاش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن كوففېئىن بەدەندە تېخىمۇ ئۇزاق ساقلىنىدىكەن. ئالاقىدار تەتقىقات دوكلاتى ئەنگلىيە «پەن-تېخنىكا دوكلاتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. لېكىن، تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنى يەنىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىش زۆرۈر بولۇپ، شۇندىلا PDSS2 بىلەن قەھۋە ئىستېمال ئوتتۇرىسىدىكى بىيولوگىيەلىك باغلىنىشنى تېپىپ چىققىلى بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ