مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يەتتە خىل يول ئارقىلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىز ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ

2021.11.30 22:29 مەنبە: تىيانشان تورى

بىزنىڭ «شەخسىي ئۇچۇر» لىرىمىز قانداق ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ؟

ئاممىۋى سىمسىز تور (WiFi)

ئەگەر ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونىڭىزدا WiFi نى ئاپتوماتىك ئۇلاش ئىقتىدارىنى تاللىسىڭىز، ئاممىۋى WiFi غا ئۇلىنىدۇ. لېكىن WiFi نىڭ بىخەتەرلىك قوغداش ئىقتىدارى بىرقەدەر ئاجىز، خاككېر پەقەت ئاددىي ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپلا، شۇ WiFi نى ئىشلىتىۋاتقان ئابۇنتلارنى ۋە مەخپىي نومۇرىنى ئوغرىلىيالايدۇ.

ساقلىنىش ئۇسۇلى: ئاممىۋى سورۇنلاردا ئامال بار كود لازىم بولمايدىغان WiFi ئىشلەتمەڭ. WiFi غا چىقىپ تور بانكىسى ياكى چىقىمدان ئىشلەتكەندە، مەخسۇس APP تېرمىنالى ئارقىلىق زىيارەت قىلىڭ. ئەڭ ياخشىسى WiFi ئۇلاشتا قول بىلەن ئۇلاشنى تاللاڭ.

كونا يانفون:

يېڭى يانفون ئالماشتۇرۇشتا، نۇرغۇن كىشى كونا يانفونىنى سېتىۋېتىدۇ. سىز كونا يانفونىڭىزنى «زاۋۇتتىن چىققاندىكى ھالەت» كە ئەسلىگە كەلتۈرسىڭىزمۇ، ھەتتا ئۇنى فورماتلىۋەتسىڭىزمۇ، لېكىن كەسپىي خادىملار تېخنىكا ئارقىلىق كونا يانفونىڭىزدىكى قىسقا ئۇچۇر، ئالاقىلىشىش خاتىرىسى، يۇمشاق دېتال، ھەتتا تور كۆرگۈدىكى خاتىرىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ، چىقىمدان نومۇرى، كىرېدىت كارتىسى ئۇچۇرى قاتارلىقلارنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلىشى مۇمكىن.

ساقلىنىش ئۇسۇلى: شەخسىي ئىسچوت ماتېرىيالى ساقلىنىپ قالغان يانفوننى سېتىشتىن ساقلىنىڭ. ئەگەر سېتىش زۆرۈر بولسا، سېتىشتىن ئىلگىرى چوقۇم ئىچىنى تەلتۆكۈس تازىلاڭ.

ئالاقە تورى:

مىكروبىلوگ، QQ بوشلۇقى، چاپلىمىخانا قاتارلىقلاردا بەزىدە بىلىپ-بىلمەي تونۇشلارنىڭ ئىسمى، ۋەزىپىسى، خىزمەت ئورنى قاتارلىق ھەقىقىي ئۇچۇرلارنى ئېيتىپ سالىمىز ياكى بۇلار توغرىسىدا بەلگە سېلىپ قويىمىز.

بەزى ئاتا-ئانىلار دوستلار چەمبىرىكىگە پەرزەنتلىرىنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ، پەرزەنتىنىڭ ئىسمى، ئوقۇيدىغان مەكتىپى، تۇرۇشلۇق ئولتۇراق رايونى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ؛ يەنە بەزىلەر پويىز بېلىتى، ئايروپىلان كارتىسى قاتارلىقلارنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ، ئۈستىدىكى ئىسىم-فامىلىسى، كىملىك نومۇرى، ئىككىلىك كودى قاتارلىقلارنى غۇۋالاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.

ساقلىنىش ئۇسۇلى: مىكروبىلوگ، QQ بوشلۇقى قاتارلىق ئالاقە تورلىرىدا ئامال بار ئۇچۇر ئاشكارىلاش ياكى بەلگە سېلىشتىن ساقلىنىڭ. دوستلار چەمبىرىكىگە رەسىم يوللىغاندا چوقۇم بەك دىققەت قىلىڭ.

توردا تەكشۈرۈش:

توردىكى دائىم تەكشۈرۈش قەغىزى، كىچىك سىناق ئويۇنلىرى، مال سېتىۋېلىشتا مۇكاپات تارتىش، ياكى ھەقسىز پوچتا يوللاش ماتېرىيالىنى ئىلتىماس قىلىش، ئەزالىق كارتىسى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە تەپسىلىي ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ۋە ئائىلە ئادرېسى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

ساقلىنىش ئۇسۇلى: بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن ئىلگىرى، ئىشەنچلىك بولغان تور بەتلەرنى تاللاپ، قارشى تەرەپنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈڭ، يېنىكلىك بىلەن تولدۇرماي، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىڭ.

تەرجىمىھال:

ھازىر نۇرغۇن كىشى تورغا تەرجىمىھالىنى قويۇپ خىزمەت ئىزدەيدۇ، تەرجىمىھالدا شەخسىي ئۇچۇرلار بەك كۆپ، بەزى شىركەتلەر يۈزتۇرانە ئىمتىھاندا ئاتالمىش «شەخسىي ئۇچۇر جەدۋىلى» تولدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۈستىگە ئائىلە مۇناسىۋىتى چۈشەندۈرۈلۈشى، ئاتا-ئانىڭىزنى ئىسمى، تېلېفون نومۇرىڭىز، تۇرۇشلۇق ئورنىڭىز، پۈتتۈرگەن مەكتىپىڭىز، ھەتتا كىملىك نومۇرىڭىز قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ساقلىنىش ئۇسۇلى: ئادەتتىكى ئەھۋالدا، تەرجىمىھالغا كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇڭ، شەخسىي كونكرېت ئۇچۇرىڭىزنى بەك تەپسىلىي يازماڭ.

ھەر خىل تالون:

تېز يەتكۈزۈش تالونى، ئاپتوموبىل بېلىتى، ئايروپىلان كارتىسى، مال سېتىۋېلىش تالونى، يانفون كارتىسى بېجىرىشتىكى مۇلازىمەت تالونى، سۇ-توك ھەققى ئىسچوت تالونى... بۇ تالونلارمۇ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئاشكارىلاپ قويۇشى مۇمكىن.

ساقلىنىش ئۇسۇلى: تېز يەتكۈزۈش يوللانمىسىدىكى ئادرېسنى بەك تەپسىلىي يازماڭ. ئىشلەنمەيدىغان تالونلارنى بىۋاسىتە يىرتىۋېتىڭ، ياكى ئىسىم-فامىلىسى، تېلېفون نومۇرى، ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى قارا بوياقتا بويىۋېتىپ، تاشلىۋېتىڭ. كېرەكلىك تالونلارنى ياخشى ساقلاپ، يۈتتۈرۈپ قويماڭ، قالايمىقان جايغا قويماڭ!

كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى:

بانكا، تېلېگراف تىجارەت زالى، ھەر خىل ئىمتىھانغا تىزىملاش قاتارلىق جايلاردا سىزنىڭ كىملىك كۆپەيتىلگەن نۇسخىڭىز قالدۇرۇلىدۇ، ھەتتا كۆپەيتىپ بېسىش دۇكانلىرى شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئېلىپ قېلىشى مۇمكىن.

ساقلىنىش ئۇسۇلى: كىملىكىڭىزنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ياخشى ساقلاڭ، ئىشلەتمەيدىغان ياكى بىكار قىلىنغانلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، قالايمىقان تاشلىماڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ