- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ۋەھىمىلىك ئېلېكتىرونلۇق يوللانما
2013.09.11 15:36 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
قەھرىتان قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ، ئامېرىكىنىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ھاۋاسى ئىسسىق فىلورىداغا بېرىپ ، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئۆتكۈزمەكچى بوپتۇ . ھەر ئىككىسىنىڭ خىزمىتى بولغاچقا ، ۋاقىت توغرا كەلمەي ، ئەر پەيشەنبە كۈنى فىلورىداغا بېرىپ ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن ، ئايال ئىككىنچى كۈنى بارىدىغان بوپتۇ . پىلان بويىچە ئەر مېھمانسارايغا ئورۇنلىشىۋالغاندىن كېيىن ، قول كومپيۇتېرىدا ئايالىغا ئېلېكتىرونلۇق يوللانما ئىۋەتىپتۇ .ئەمما ئېھتىياتسىزلىقتىن تاپشۇرۇپ ئالغۇچىنىڭ ئىسمىنىڭ بىر ھەرىپىنى چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ .
دەل شۇ كەملەردە ، ھيۇستونتىدىكى بىر خانىم يولدىشىنىڭ ماتەم مۇراسىمىدىن قايتىپ كېلىپ ، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ تەزىيە بىلدۈرۈپ ئىۋەتكەن ئېلېكتىرونلۇق يوللانمىلىرىنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ كومپيۇتېرنى ئېچىپتۇ. ئۇ بىرىنچى يوللانمىنى كۆرۈپ قاتتىق ۋارقىرغىنىچە يىقىلىپ چۈشۈپتۇ . ئوغلى چىرقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ كىرىپ ، ئانىسىنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، ئىكراندىكى يوللانمىنى ئوقۇشقا باشلاپتۇ .
يوللىغۇچى: سىزدىن ئايرىلغان ئېرىڭىز
تاپشۇرۇپ ئالغۇچى : سۆيۈملۈك ئايالىم
ئاساسىي مەزمون : مەن كېلىپ بولدۇم
مەن بۇ يەرگە كېلىپ بولدۇم ۋە ھەممە ئىشلارنى كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم ، ئەتە ئالدىڭىزغا كۈتۈۋالغىلى چىقىمەن. سىز بىلەن بالدۇرراق كۆرۈشسەم دېگەن ئۈمىدتىمەن . سەپىرىڭىزنىڭ ماڭا ئوخشاش خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن .
قوشۇمچە : بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى ئىسسىق ، يېقىشلىق ئىكەن .
(خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر