خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 6-سېنتەبىر، ئامېرىكا پارامونت شىركىتى ئىشلىگەن ئالاھىدە خادىم تېمىسىدىكى « ئىمكانسىز ۋەزىپە 5: سىرلىق دۆلەت» شاڭخەيدە تۇنجى قويۇشنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. رېژىسسور ھەم سىنارىست كرېستوفىر مىككۇاير، ئايال باش رولچى رېبەككا فۇرگىسون، ئامېرىكا پارامونت كىنو شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش رەئىسى روب مور قاتارلىقلار بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتى. ئەلۋەتتە سانسىزلىغان كىنو مەستانىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن تام كرۇزمۇ بار. تام كرۇز سەۋرچانلىق بىلەن قىزىل گېلەمدىن ئېلان قىلىش يىغىنىغىچە بولغان يولدا توختىماي كىنو مەستانىلىرىغا ئىمزا قويۇپ بەردى، بىللە خاتېرە سۈرەتكە چۈشمەكچى بولغانلارنىڭ كۆڭلىنى قايتۇرمىدى. ئۇنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرى، كىشىلەرنى مەھلىيا قىلىدىغان كۈلۈمسىرەشلىرى قانچىلىغان كىنو مەستانىلىرىنى ھاياجانلاندۇردى.
سىرلىق مېھمان ما يۈن نەقمەيدانغا كېلىپ، تام كرۇز بىلەن ئارمانلىرى توغرىسىدا ئېنگىلىزچە پاراڭلاشتى
تۇنجى قويۇش مۇراسىمىغا يەنە بىر سىرلىق مېھمان: بۇ فىلىمگە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بىرى، ئالى كىنوچىلىقىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى ما يۈنمۇ قاتناشتى، ئۇنىڭ كېلىشى بىلەن نەقمەيدان كەيپىياتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ما يۈن تام كرۇز بىلەن ئېنگىلىزتىلىدا راۋان پاراڭلاشتى. ما يۈن: «تام راستلا بەك كېلىشكەن، راستىمنى دېسەم، مەن ئۇنى كىنودا تۇنجى كۆرگەندىلا ھەيران قالغان ئىدىم، مۇنداقمۇ كېلىشكەن ئەرلەر بار ئىكەن! كېلىشكەن بولسىغۇ مەيلى، رول ئېلىش ماھارىتىمۇ ياخشى ئىكەن». ما يۈن يەنە ئۆزىنىڭ «سەت» ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، ھەر قېتىم كېلىشكەن يىگىتلەرنى كۆرگەندە ئىچىدە ھەسەت قىلىدىغانلىقى، ئەمما ئەزەلدىن تام كرۇزغا ھەسەت قىلمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئىككىلىسىنىڭ كىنونى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى، تام كرۇزنىڭ بۇنچە كۆپ نادىر كىنولارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقىنى، تام كرۇزنىڭ « ئىمكانسىز ۋەزىپە» فىلىملىرىنىڭ 6، 7، 8، 9، 10-قىسىملىرىنىڭمۇ كىنو مەستانىلىرىگە ھوزۇر بېغىشلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تام كرۇزمۇ ئەدەب بىلەن مايۈ ننىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن ئېيتتى ھەمدە ھەرقانداق ئىش قىلىشتا ئارزۇ-ئارمان بولۇشى كېرەكلىكى ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. «خۇددى مەن كىنونى قىزغىن سۆيگەندەك، 4يېشىمدىن تارتىپلا كىنو ئىشلەش ئويۇم بار ئىدى، تىرىشىپ خىزمەت قىلىش ئارقىلىق بۇ كىنو ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم، گەرچە بېسىم ناھايىتى ئېغىر بولسىمۇ، مەن يەنىلا بۇ بېسىمدىن ھۇزۇرلىنىمەن» دېدى.
سۆھبەتتە ھەر ئىككەيلەن دېيىشىۋالغاندەكلا كوللېكتىپنىڭ بىرەر ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى مۇھىملىقى ھەققىدە توختالدى، پەقەت كوللېكتىپ ماسلاشقاندىلا ئاندىن « ئىمكانسىز ۋەزىپە»لەرنى ئورۇنلىغىلى بولىدىغانلىقى، ھازىر يالغۇز كۆرەش قىلىدىغان دەۋر ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى