بېيجىڭ ۋاقتى 21-ماي سەھەر سائەت 2:45 مىنۇت ئۆتكەندە، 67-نۆۋەتلىك ئىتالىيە لوڭقىسىنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى رىم ئولىمپىك پۇتبۇل مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، يۇۋېنتۇس كوماندىسى قوشۇلغان مۇسابىقە ۋاقتىدا لازىئو كوماندىسىنى 1:2 يېڭىپ، ئون قېتىم چېمپىيون بولۇش رېكورتىنى ياراتتى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقە مەزگىلىدە ئۇلار بىرلەشمە مۇسابىقە چېمپىيونى ۋە ئىتالىيە لوڭقىسى مۇسابىقىسى چېمپىيونى بولۇشتەك ئىككى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى.