باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

ليۇ شياڭ بۈگۈن شاڭخەيدە ئاشكارا خوشلىشىپ، سەپتىن چېكىنىش توغرىسىدا قىسقىچە نۇتۇق سۆزلىدى

2015.05.18 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015-يىللىق خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا مۇكاپاتلىق بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ شاڭخەي بېكىتى مۇسابىقىسى بۈگۈن كەچ سائەت 19:00دە شاڭخەي تەنتەربىيە سارىيىدا باشلاندى، «جۇڭگولۇق ئۇچار ئادەم» ليۇ شياڭ 80 مىڭ كىشىلىك تەنتەربىيە مەيدانىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن خوشلاشتى، ئىگىلىنىشچە، مۇراسىم 20 مىنۇت داۋاملىشىپ، ليۇ شياڭ قىسقىچە سۆز قىلغان. بۇ ليۇ شياڭنىڭ ئۆتكەن ئاي مىكرو بىلوگدا سەپتىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئاشكارا سورۇندا تۇنجى قېتىم سۆز قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.سەپتىن چېكىنگەنلىكنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ئاشكارا سورۇندا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلمىدى

  ليۇ شياڭ 7-ئاپرېل مىكرو بىلوگدا سەپتىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى ۋە «يۈگۈرۈش يولۇم ۋە ئاتلاش توسۇقى» دېگەن تېمىدا ماقالە يازدى. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى شۇ كۈنى ليۇ شياڭنى زىيارەت قىلغان بىر سائەتلىك فىلىمنى قويدى. ئۇنىڭدىن باشقا ليۇ شياڭ ئۆزىمۇ ھېچقانداق ئاشكارا سورۇندا سۆز قىلمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر