باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت كوماندىسىنىڭ كېيىنكى مەيدان تەقدىرى قانداق بولار

2015.01.20 18:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى تەنتەربىيە ئوبزورى (ئابدۇۋاھىت)ھازىرقى ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولغان دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىسى «قارغىش»نى بۇزىدىغان مۇسابىقە بولدى. تۇنجى مەيداندا سەئۇدى كوماندىسىنى يېڭىپ، 17 يىل قارشى تەرەپنى غەلىبە قىلالماسلىقتەك ھالەتنى بۇزۇپ، كوماندا تارىخىدا ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدا رەقىبىنى يەڭدى. ئىككىنچى مەيدان ئۆزبىكىستان كوماندىسىنى يېڭىپ، ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدا قارشى تەرەپنى يېڭەلمەسلىكتەك ۋە 13 يىل قارشى تەرەپنى يېڭەلمەسلىكتەك ھالەتنى بۇزدى. ئۈچىنچى مەيدان چاۋشىيەننى يېڭىپ، كوماندا تارىخىدا تۇنجى قېتىم گۇرۇپپىدىن تولۇق غەلىبە بىلەن چىقىپ، بىزگە ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان، يېڭىچە قىياپەتتىكى بىر دۆلەت كوماندىسىنى نامايان قىلدى. ئىلگىرى مەغلۇبىيەت خەۋەرلىرىگە كۆنۈپ كەتكەن قۇلاقلار، غەلىبە خەۋەرلىرىگە ئىشىنەلمەي قالدى. لېكىن جۇڭگو پۇتبول ساھەسىدىكىلەر ۋە ئۈمىدۋار توپ مەستانىلىرىنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇم بىزنى غەلىبە خۇشاللىقىغا باشلىدى.

  كوماندىمىز 8 كۈچلۈك قاتارىغا كىرگەن بولسىمۇ، شاللاش باسقۇچىدىكى رەقىبى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى رەقىبلەردىن خېلىلا كۈچلۈك بولغان ئاۋسترالىيە كوماندىسى، ئۇلار بىزنىڭ كوماندىمىزدىن بىر قانچە تەرەپتە ئارتۇقچىلقلارغا ئىگە . بىرىنچىدىن: ئۇلار يېقىندىلا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ كەلگەن بولۇپ، جۇڭگو كوماندىسىغا قارىغاندا چوڭ مۇسابىقە تەجرىبىسى مول. ئىككىنچىدىن، بەدەن ساپاسى ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولۇپ، ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى جۇڭگو كوماندىسىدىن ئېگىز،ئىختىيارى توپ ۋە بۇلۇڭ توپ جەھەتلەردە بىر ئاز ئۈستۈنلىكنى ئىگەللەيدۇ. ئۈچىنچىدىن، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئاۋىستىرالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بولغاچقا ئاۋىستىرالىيە ئاساسى مەيدان ئارتۇقچىلىقىغا ئىگە. تۆتىنچىدىن، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئارقا مۇداپىئە ئەزاسى جاڭ لىنفەننىڭ يارىلىنىشى جۇڭگو كوماندىسى ئۈچۈن زور زەربە. ئۇنىڭدىن باشقا شۇ يەرنىڭ ھاۋارايىغا كۆنەلمەسلىكمۇ بىر چوڭ مەسىلە، لېكىن شۇنداق بولسىمۇ جۇڭگو كوماندىسى بۇنىڭدىن بۇرۇن رەسمىي مۇسابىقىدا ئاۋىستىرالىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، شۇڭا ئۆزىدە بار بولغان ئالاھىدىلىكنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ، سۈرئەت ئارقىلىق قارشى تەرەپنى چەكلەپ، يان ھۇجۇمدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئارقا مۇداپىئەنى ياخشى قىلسىلا غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقى يەنىلا چوڭ. مېنىڭچە ئەمەلىيەتكە ماس كېلىدىغان نەتىجە پەرىزى 4تە 6 نىسبەت بويىچە بولۇشى مۇمكىن، ھەمدە يېڭى تارىخ يارىتىش ئېھتىمالىمۇ بار.

  بىز دۆلەت كوماندىسىنىڭ كۈچلۈك رەقىبىنى يېڭىپ، چوڭ مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجە ئالالماسلىقتەك ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ توپ مەستانىلىرىگە تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق ۋە ئىشەنچ بېغىشلىشىغا تىلەكداشمىز.

  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر