- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭ تارىختىكى تۇنجى كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقە پۇتبول كوماندىسىنى كۈتۈۋېلىشى مۇمكىن
2014.01.08 17:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-يانۋار شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو پۇتبول A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان خۇبېي خۇاكەيئېر كوماندىسى شىنجاڭغا بېرىشى، شىنجاڭ بەلكىم تارىختىكى تۇنجى كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقە پۇتبول كوماندىسىنى كۈتۈۋېلىشى مۇمكىن.
شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى گۇاڭمىڭ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، «گەرچە ھازىرچە رەسمىي كېلىشىم ئىمزالىمىغان بولساقمۇ، بىراق شىنجاڭ تەنتەربىيە تارماقلىرى خۇبېي خۇاكەيئېر كۇلۇبى بىلەن دەسلەپكى ئاساسىي مەقسەتتە بىرلىككە كېلىپ بولدى، ھازىر بىر قىسىم ئىنچىكە تەپسىلاتلار ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ»، دېدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر