- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


نۇقتا توپنى ئۇرالمىغان توپچى مەستانىلەردىن تاياق يىدى (1)
2013.11.15 14:23 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
ئالدىنقى ھەپتە جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبول سەھنىسىدە يەنە بىر غەلىتە خەۋەر تارقالدى. يەنى بىر توپچى مۇسابىقىدە نۇقتا توپنى ئۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ كوماندىنىڭ خوجايىنى توپ مەستانىلىرىنى كۈشكۈرتۈپ بۇ توپچىنى راسا دۇمبالىغان.
پېرۇدىكى بىر مەيدان شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ نۇقتا توپ جېڭىدە مارتىن دال ئورسو ئىسىملىك بىر توپچى ئەڭ ھالقىلىق بىر نۇقتا توپنى ئۇرالمىغان، شۇنىڭ بىلەن مۇسابىقىدىن كېيىن ئۇ ئېغىر جازاغا ئۇچرىغان.
توپچى دال ئورسونىڭ دادىسى مۇخبىرلارغا: «بىز مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويدۇق، بىر نەچچە توپ مەستانىسى مۇسابىقىدىن كېيىن كوماندىنىڭ ئاپتۇبوسىغا چىقىپ قۇراللارنى چىقىپ ئوغلۇمنى ئۇرۇپ كەتتى، مېنىڭ ئايالىمنىڭمۇ مۈرىسى ۋە پۇتى يارىلاندى» دېگەن. بۇ ئىشنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولى بولسا شۇ كۇلۇبنىڭ رەئىسى بولۇپ، ئۇ توپ مەستانىلىرىگە بۇيرۇق قىلىپ توپچىنى ئۇرغۇزغان. توپ كەتكۈزىۋەتكەندىن كېيىن بۇنداق جازالاش ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ خيالىغا كىرىپ چىقمايدىغان بىر ئىش.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر