مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

[سىن] خەلق تورى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» توغرىسىدىكى 22-قېتىملىق ئەھۋال ئىگىلەش پائالىيىتى

2023.03.03 19:13 مەنبە: خەلق تورى

  

  خەلقنىڭ ئارزۇسى،بىزنىڭ ئارزۇيۇمىز. خەلق تورى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» توغرىسىدىكى 22-قېتىملىق ئەھۋال ئىگىلەش پائالىيىتىنى 2023-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي باشلىغان بولۇپ، 2-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 16 گىچە جەمئىي 5 مىليون 810 مىڭ كىشى بېلەت تاشلاشقا قاتنىشىپ، تورداشلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئون تېما تاللاپ چىقىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، «مائارىپ ئىختىساسلىقلىرى»، «ئىجتىمائىي كاپالەت»، «ئىستىلنى توغرىلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش» ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇردى، تۆۋەندە بىز ئەھۋال ئىگىلەش نەتىجىسىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى كۆرۈپ باقايلى:

  «مائارىپ ئىختىساسلىقلىرى» تېمىسىدا، يېڭى نۇسخىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرسلىك لايىھەسى ۋە دەرسلىك ئۆلچىمىنى تارقىتىىش كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تورداشلار مۇنۇلارنى ئۈمىد قىلدى:

  ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە، تورداشلار مۇنداق تەكلىپلەرنى بەردى:

  2023- يىلى، مائارىپ ئىختىساسلىقلىرى ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا تورداشلارنىڭ ئەڭ تەقەززا بولىۋاتقىنى:

  خەلق تورىنىڭ ھەر قېتىملىق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» توغرىسىدىكى ئەھۋال ئىگىلەش پائالىيىتىدە، «ئىجتىمائىي كاپالەت» 19-قېتىم ئون چوڭ قىزىق نۇقتىلىق سۆز تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 4 مىليونغا يېقىن تورداش «ئىجتىمائىي كاپالەت» تېمىسىغا بېلەت تاشلىغان.

  %60 تورداش شەخسلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە %49.7 تورداش مەبلەغنى ئېلىش شەرتىنى كەڭ قويۇۋېتىشنى ئۈمىد قىلغان.

  ئىجتىمائىي كاپالەت تەدبىرلىرى ئىچىدە، تورداشلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى:

  تورداشلار ئەڭ تەقەززا بولۇۋاتقىنى:

  بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» توغرىسىدىكى ئەھۋال ئىگىلەش پائالىيىتىدە، «ئىستىل توغرىلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش» يەنە بىر قېتىم نۇقتىلىق دىققەت تېمىسىغا ئايلانغان.2022-يىلى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى بۇ تەدبىرلەر كۆپچىلىككە چوڭقۇر تەسىر قىلغان:

  ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا ئىجتىمائىي كەيپىيات بەرپا قىلىشتا، تورداشلار ئەڭ تەقەززا بولۇۋاتقان تەرەپلەر:

  2023-يىلىدا، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشتا، تۆۋەندىكىلەر تورداشلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىلاردۇر:

  بۇ يىل، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىلەن خەلق تورى بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان «ئىككى يىغىن» توغرىسىدىكى ئەھۋال ئىگىلەش پائالىيىتىدىكى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» توغرىسىدا، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتى، باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش، كەمسىتىشنى تۈگىتىش قاتارلىق تېمىلارنىڭ قىزغىنلىقى ئەڭ يۇقىرى بولدى. تورداشلار بۇ جەھەتلەرنى كۈچەيتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئۈمىد قىلغان:

  2023-يىلى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلى، تورداشلار خەلق تورىنىڭ مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» توغرىسىدىكى ئەھۋال ئىگىلەش پائالىيىتى ئارقىلىق ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن بەس-بەستە چارە-تەدبىر كۆرسەتتى. 2023-يىللىق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە خەلق تورى مۇخبىرلىرى ئەھۋال ئىگىلەش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى ۋە تورداشلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ۋەكىللەر ۋە ئەزالارغا يەتكۈزىدۇ، قېنى، تەييارلىقىڭلار پۈتتىمۇ؟
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ