مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئادەتتىكى زۇكام، تارقىلىشچان زۇكام، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ قانداق پەرقى بار؟

مۇتەخەسسىسلەر سىزگە تېز سۈرئەتتە پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىتىپ قويىدۇ

2023.01.04 00:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىش پەسلىدە نۇرغۇن كىشىلەردە بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، ماڭقىسى ئېقىش، گېلى قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئۇ زادى ئادەتتىكى زۇكاممۇ ياكى تارقىلىشچان زۇكاممۇ؟ ۋە ياكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشمۇ؟ بۇ ئۈچىنىڭ قانداق پەرقى بار؟ بۇ مەسىلىگە قارىتا دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئالاقىدار ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، ئىنكاس قايتۇردى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق كۆرسەتتى: ئادەتتىكى زۇكام، تارقىلىشچان زۇكام، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ تارقىلىشچانلىقى ۋە كىلىنىكىلىق ئىپادىسىدە زور پەرق بار.

  بېيجىڭ شيېخې دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جىخەي مۇنداق دېدى: ئادەتتىكى زۇكامنى دېسەك، ئۇ نورمال نەپەس يولىدا كۆپىيىدىغان ۋىرۇس بولغاچقا، پەسىل خاراكتېرى بولمايدۇ. تارقىلىشچان زۇكام يەنە پەسىللىك زۇكام دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ يۇقۇمچانلىققا ئىگە. دۆلىتىمىزدە ئەمەلىيەتتە تارقىلىشچان زۇكام C تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىك بويىچە باشقۇرۇلىدۇ، ئۇ كەڭ كۆلەملىك كىشىلەر توپىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنى ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا تارقىلىش خەۋپى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس پەيدا قىلغان يۇقۇملىنىشنىڭ تارقىلىشچانلىقى ۋە يۇقۇشچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. دۆلىتىمىز B تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بويىچە باشقۇرىدۇ. ئادەتتىكى زۇكامنى ئېلىپ ئېيتساق، ئەگەر كىشىلەر توپىدا ھېچقانداق ئاساسىي كېسەللىك يوق بولۇپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى نورمال بولسا، كېسەللىك ئالامەتلىرى ناھايىتى تېزلا پەسىيىدۇ. تارقىلىشچان زۇكام بولسا، كېسەللىك ئالامىتى چوقۇم تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ، چۈنكى ئۇ تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ، ئۇ بەلكىم تېخىمۇ ئېغىر بولغان پۈتۈن بەدەندىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ماغدۇرسىزلىنىش، پۈتۈن بەدەن سىرقىراپ ئاغرىش. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشتا، نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن باشقا، پۈتۈن بەدەندە يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، ماغدۇرسىزلىنىش، پۈتۈن بەدەن سىرقىراپ ئاغرىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، جۈملىدىن كېيىن كۆرۈلىدىغان يۆتەل، بەلغەم قاتارلىقلار. بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئەمەلىيەتتە يەنىلا تارقىلىشچان زۇكامغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ