مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە-تىزگىنلەش مېخانىزمى، مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يېزا رايونلىرىنى داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتتى

2023.01.04 00:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى، مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى نۆۋەتتىكى يېزا رايونلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى لايىھەسىنى بېسىپ تارقاتتى. يېزىلارنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ. جايلارنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ قۇتقۇزۇش-داۋالاش ۋە ساغلاملىق بويىچە باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. كەنت شىپاخانىسى يېقىن ئەتراپتا يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئېھتىياجلىق كەنت ئاھالىلىرىنى ئانتىگېن تەكشۈرۈش ۋە كېسەلگە قاراپ دورا ئىشلىتىپ داۋالاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئائىلە دوختۇرى كېلىشىم ئىمزالاش مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېلىشىم ئىمزالىغان كەنت ئاھالىلىرىگە بولغان ساغلاملىق تەشۋىقاتى ۋە تەربىيەسىنى كۈچەيتىش ھەم كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ساغلاملىقتىن مەسلىھەت بېرىش ۋە مەسىلىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك.

  ئاساسىي قاتلام داۋالاش-ساقلىق ساقلاش خادىملىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى كىشىلەرنى پەرقلەندۈرۈش، دىياگنوز قويۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزىلاردىكى ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ۋە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. مەبلەغ، ئادەم كۈچى، بايلىق، تېخنىكا، ئەسلىھە-ئۈسكۈنە قاتارلىق جەھەتلەردە، يېزا رايونلىرىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بوغما ھالەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى قوغداپ، يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىش مەزگىلىدىكى ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ھەقىقىي قاندۇرۇش كېرەك. يېزىلارنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئەشيا ئوبوروتى، تەقسىملەش-يەتكۈزۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ