مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىنىڭ 2023-يىللىق دۆلەت مۇداپىئەسىگە ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسىدە كىشىلىك ھوقۇق نىقابى ئاستىدا شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى

2023.01.03 23:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى ئامېرىكىنىڭ 2023-يىللىق دۆلەت مۇداپىئەسىگە ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسىدىكى شىنجاڭغا ئالاقىدار مەزمۇنلارغا قارىتا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ گۈيشياڭ شىنجاڭنىڭ 81-مەيدان مەخسۇس تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قانۇن لايىھەسى پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، «جۇڭگو تەھدىتى»نى كۆككە كۆتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا خالىغانچە ئارىلىشىپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا ھۇجۇم قىلىپ قارا چاپلاپ، ھەربىي خىراجەتنى كۆپەيتىش، زومىگەرلىك ھوقۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن باھانە ئىزدىدى.

  شۈ گۈيشياڭ مۇنداق دېدى: بۇنداق قانۇن لايىھەسى پەقەت ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىدىغان سىياسىي قورالى بولۇپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق، ئوچۇق-ئاشكارا زومىگەرلىك قىلغانلىق. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ، ئامېرىكا دوللىرىنى كۆز-كۆز قىلىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ھەيۋە قىلدى. بۇ ھەرگىزمۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كىشىلىك ھوقۇق نىقابىنى كۆتۈرۈۋېلىپ شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. ئامېرىكىنىڭ مۇشۇنداق ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى بولغانىكەن، ئۇنى ئۆز دۆلىتىدىكى خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىشى، نامراتلارنىڭ كوچىلاردا سەرسان بولۇپ يۈرۈشىگە، ئىندىيانلارنىڭ ماكانسىز قېلىشىغا، «فلويېدلار»نىڭ ھالىدىن كېتىشىگە يول قويماسلىقى كېرەك، مانا بۇ توغرا يول.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ