مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت ئىچى ھاۋايولىنىڭ يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى تۆۋەنلىتىلىدۇ

2023.01.03 23:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ، 800 كىلومېتىردىن تۆۋەن ئاۋىياتسىيە بۆلىكى ۋە 800 كىلومېتىردىن يۇقىرى ئاۋىياتسىيە بۆلىكىدە، قۇرامىغا يەتكەن يولۇچىلارنىڭ يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى جەھەتتە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 20 يۈەن ۋە 40 يۈەن تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.

  2022-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسى، پايتەخت ئاۋىياتسىيەسى، بەخت ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ سېتىلىدىغان يولۇچىلار بېلىتىنىڭ 800 كىلومېتىردىن تۆۋەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھەر بىر ئۇچۇش بۆلىكىنىڭ تۆۋەنلىتىگەن يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى 40 يۈەن خەلق پۇلى بولىدۇ؛ 800 كىلومېتىردىن يۇقىرى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھەر بىر ئۇچۇش بۆلىكىنىڭ تۆۋەنلىتىلگەن يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى 80 يۈەن بولىدۇ.

  بوۋاق يولۇچىلاردىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ بالىلار، ئىنقىلابىي مېيىپ ھەربىيلەر، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن مېيىپ بولغان خەلق ساقچىلىرىدىن ئەمەلىي ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بويىچە يېرىم ھەق ئېلىنىدۇ، يەنى 800 كىلومېتىردىن تۆۋەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھەر بىر ئۇچۇش بۆلىكىنىڭ تۆۋەنلىتىلگەن يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى 20 يۈەن خەلق پۇلى بولىدۇ؛ 800 كىلومېتىردىن يۇقىرى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھەر بىر ئۇچۇش بۆلىكىنىڭ تۆۋەنلىتىلگەن يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى 40 يۈەن بولىدۇ.

  بۇ قېتىمقى تەڭشەشتىن بۇرۇن، دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى ئېلىش ئۆلچىمىدە 800 كىلومېتىردىن تۆۋەن ئاۋىياتسىيە بۆلىكىدە ھەر بىر يولۇچىدىن 60 يۈەن خەلق پۇلى ئېلىناتتى؛ 800 كىلومېتىردىن يۇقىرى ئاۋىياتسىيە بۆلىكىدە ھەر بىر يولۇچىدىن 120 يۈەن خەلق پۇلى ئېلىناتتى.

  نۇرغۇن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققىنى تۆۋەنلىتىشتە دەسلەپكى بېلەت كېسىلگەن كۈننىڭ سوممىسى ئۆلچەم قىلىنىدىكەن، 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن بۇرۇن كېسىلگەن بېلەت 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن كېيىنكى سەپەرگە ئالماشتۇرۇلسا، يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى قايتۇرۇلمايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ