خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 2-كۈنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى يېمەكلىك-دورا رازۋېدكا تارماقلىرىنى يۇقۇمغا چېتىشلىق ساختا دورىلارنى ياساش، سېتىش، تەكشۈرۈش رېئاكتىپى ۋە ئوكسىگېن ئىشلەش ماشىنىسى، قاندىكى ئوكسىگېننى ئۆلچىگۈچ قاتارلىق بۇيۇملارغا ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.
ج خ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلاردىكى ج خ يېمەكلىك-دورا رازۋېدكا تارماقلىرى فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ساختا مەھسۇلاتلارنى ياساش، ساختا مەھسۇلاتلارنى سېتىش، يۇقۇمغا چېتىشلىق ساختا دورىلار ۋە تەقلىد قىلىنغان بۇيۇملارغا ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە كۈچلۈك چۆچۈتۈش شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. دائىم ئىشلىتىلىدىغان يۇقۇمغا چېتىشلىق دورىلار، تەكشۈرۈش تەجرىبە رېئاكتىپى ۋە ئالاقىدار داۋالاش ئۈسكۈنىلەرنى چۆرىدەپ ئىشلەپچىقىرىش، توپ تارقىتىش، پارچە سېتىش ھالقىلىرى ۋە تور سودىسى مۇلازىمىتى قاتارلىق 3-تەرەپ سۇپىسىغا چىڭ تىكىلىپ، دېلو يىپ ئۇچىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىدە بايقالغان ۋە ئامما پاش قىلغان يىپ ئۇچىنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئېنىقلاپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنى قەتئىي قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. شايكا خاراكتېرلىك، يۈرۈشلۈك، رايون ھالقىغان دېلولارغا قارىتا مەخسۇس كۈچ تەشكىللەپ، مەركەزلىك دېلو پاش قىلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، جىنايەت تورىنى قەتئىي بىتچىت قىلىپ، مەنپەئەت زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك.
ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ يېمەكلىك-دورا رازۋېدكا تارماقلىرى تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، بالدۇر زەربە بېرىش، كىچىكىدىن زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمغا چېتىشلىق ساختا دورىلار، تەكشۈرۈش تەجرىبە دورىلىرى ۋە ئالاقىدار بۇيۇملارنى ياساش، سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.
جىلىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يېقىندا ئىبۇپروفېن ساختا دورىسىنى ياساش، سېتىش دېلوسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىپ، ساختا دورىنىڭ بازارغا كىرىشىنى ۋاقتىدا توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ