«يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ب تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكنى ب دەرىجە بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئومۇمىي لايىھە» دە يېزا رايونلىرىدا يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەكلىكى، يېقىنقى مەزگىلدە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىگە دۇچ كېلىپ، مۇداپىئە-تىزگىن خىزمىتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يېڭى يىل ۋە چاغاننىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشى كۆپىيىپ، شەھەرلەردىكى يۇقۇم ئەھۋالى يېزىلارغا يامرىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، يېزا رايونلىرىنىڭ داۋالاش بايلىقى نىسبەتەن ئاجىز، يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان ياشانغانلار ۋە بالىلار قاتارلىق ئاجىز كىشىلەر توپى بىرقەدەر كۆپ بولغاچقا، يېزا رايونلىرىدا يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش-يۇقۇمنى تىزگىنلەش يېڭى خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ.
يېزا رايونلىرىنىڭ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش- يۇقۇمنى تىزگىنلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، «خەلق تورى «يېزىلاردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاممىۋى پاراۋانلىق ھەرىكىتى» نى قوزغاپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كۈچلەرنى بىرلىشىپ يېزا رايونلىرى ۋە ناھىيە مەھەللىلىرىدىكى نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىشكە ئالاقىدار ئاممىۋى پاراۋانلىق مەدىتى بىلەن تەمىنلەشكە چاقىردى.
پائالىيەتتە «يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ھەمكارلىق سۇپىسى» غا تايىنىپ، نۇقتىلىق ھالدا يېزا رايونلىرىغا يۈزلىنىپ، ناھىيە قاتلىمىدىكى ئاساسىي قاتلام مەھەللىلىرىگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، نۇقتىلىق ھالدا ياشانغانلار، ھامىلىدار ئاياللار، بالىلار، ئاساسىي كېسەل ۋە سوزۇلما كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر توپىنىڭ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش-يۇقۇمنى تىزگىنلىشىگە ياردەم ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.
پائالىيەتتە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش-يۇقۇمنى تىزگىنلەشكە ئالاقىدار تۈرلۈك ماددىي ئەشيا ۋە مۇلازىمەتنى توپلايدۇ، بۇ چەكلەنمەيدۇ ۋە تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
ماسكا، ئانتىگېن تەكشۈرۈش-ئۆلچەش بۇيۇملىرى، قاندىكى ئوكسىگېننى ئۆلچىگۈچ، تېرمومېتىر، ئوكسىگېن ئىشلەش ماشىنىسى، ئالاقىدار دورا، دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرى؛
سۈت، مىنېرال سۇ، تەييار يېمەكلىك، ئالاھىدە ئوزۇقلۇق يېمەكلىكلىرى قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى؛
ئالاقە تورىدا سوراپ دىئاگنوز قويۇش، پسىخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى قاتارلىق ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈش مۇلازىمىتى؛
تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەش، پىدائىيلار مۇلازىمىتى قاتارلىق باشقا مۇلازىمەتلەر يېزا-كەنتلەرگە ئومۇميۈزلۈك يۈزلەندۈرۈلىدۇ.
خەلق تورى «يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش سۇپىسى» تور مەخسۇس رايونى قۇرۇپ، بىر تەرەپتىن جايلار، ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، جايلاردىكى يېزا رايونلىرىنىڭ ئالاقىدار ئېھتىياجىنى جەملىسە، يەنە بىر تەرەپتىن تۈرلۈك سۇپا، تۈرلۈك كارخانا، ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشكىلاتلىرىنى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلىپ، پائالىيەت ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنىڭ تۈرلۈك ئاممىۋى پاراۋانلىق ئەمەلىيىتىنى ماس قەدەمدە نامايان قىلىدۇ.
بۇ يەردە، خەلق تورى مېھىر-شەپقىتى، تەجرىبىسى، ئەمەلىي كۈچى بار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى «يېزىلاردىكى يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئاممىۋى پاراۋانلىق ھەرىكىتى» گە قاتنىشىشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلىپ، يېزا رايونلىرىنىڭ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش-يۇقۇمنى تىزگىنلىشىگە ئورتاق كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا!
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:
مۇقىم تېلېفون:65367951-010
يانفون:15010243638، 15010245960
ئېلخەت ئادرېسى:doctor@people.cn