مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىجادكار ئېكولوگىيە، ئىجادكار سۇپا ۋە ئىجادكار ئىختىساسلىقلار يېتىلدۈرۈشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، لياۋنىڭنىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى زورايتايلى ۋە كۈچەيتەيلى

2023.01.03 14:48 مەنبە: خەلق تورى

نۇرلار چاقناپ ئەتراپقا ئۇچقۇن چاچرىماقتا. چوڭ ئېكراندا كۆرسىتىلىۋاتقىنى جۇڭگو گېجوۋبا گۇرۇھى ماشىناسازلىق قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخى بولۇپ، بىر نەچچە ماشىنا ئادەم كەپشەرلەش مەشغۇلاتى قىلىۋاتاتتى. شېنياڭ شىنسۇڭ ماشىنا ئادەم ئاپتوماتلاشتۇرۇش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى جاڭ جىن مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن مۇرەككەپ ئەگرى-بۈگرى ۋە ئىنچىكە كەپشەرلەش نۇقتىلىرى بولغاچقا دېتاللارنىڭ تۈرى، شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئىلگىرى بۇنداق كەپشەرلەشنى پەقەت تەجرىبىسى مول كەپشەرلەش مۇتەخەسسىسلىرىلا قىلالايتتى. بۇ قېتىم شىنسۇڭ شىركىتى لايىھەلىگەن ماشىنا ئادەمنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەپشەرلەش سىستېمىسى پىلانلانغان ئۆلچەمدىكى ھەر خىل شەكىللىك مۇرەككەپ دېتاللارنى ئاپتوماتىك كەپشەرلىيەلەيدۇ، كەپشەرلەش جەريانى پۈتۈنلەي ئەقلىي ئىقتىداردا ئېلىپ بېرىلىدۇ».
جاڭ جىن مۇنداق دېدى: شىنسۇڭ شىركىتىنىڭ ماشىنا ئادىمى تىزگىنەك تېخنىكىسىنى ئۆزى ياساش ۋە يادرولۇق زاپچاسلىرىنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ شىركەت ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان بەش چوڭ سىستېما، 100 خىلدىن ئارتۇق ماشىنا ئادەم مەھسۇلاتى 40 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا ئېكسپورت قىلىنىپ، دۇنيادىكى 3000 دىن ئارتۇق دۆلەت ھالقىغان كارخانا ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ.
بۇ يىل 8- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ لياۋنىڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە تەكىتلەپ «ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىش كېرەك. ۋاقىت مېنى ساقلاپ تۇرمايدۇ، دەيدىغان ئاڭ ئارقىلىق پەن-تېخنىكىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي «بوغما ھالەت»تىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ۋە جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى تىرىشىپ ئۆز قولىمىزدا تۇتۇشىمىز كېرەك» دېگەن ئىدى. پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «ياسىمىچىلىقنىڭ سەرخىل، ئاقىل، يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك»، «دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەسلىي ئىجادىيەت خاراكتېرلىك، يېتەكلەش خاراكتېرلىك پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىگە كۈچنى توپلاپ ھۇجۇم قىلىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز لازىم » دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
جابدۇق ياسىمىچىلىقى دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى. لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكنى مەۋقە قىلىپ، ئىجادكار ئېكولوگىيە، ئىجادكار سۇپا ۋە ئىجادكار ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنىڭ شۇ جايدا كەسىپلىشىش نىسبىتى ۋە پەن-تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، جابدۇقچىلىق كەسپىنى زورايتتى ۋە كۈچەيتتى.
پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئايرىلالمايدۇ. لياۋنىڭ ئۆلكىسى «پەن-تېخنىكىدا مۇكاپاتلاش» تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق ياساش، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلەتتى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆلكە دەرىجىلىك «پەن-تېخنىكىدا مۇكاپاتلاش تۈزۈمى» بويىچە پەن-تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرىدىن 267 نى تەشكىللەپ يولغا قويدى.
شېنياڭدىكى جۇڭگو ئاۋىياتسىيە موتورى يېقىلغۇ گاز تۇربىنىسى چەكلىك شىركىتىگە كىرگىنىمىزدە، پەن-تەتقىقات خادىملىرى دالىيەن تېخنولوگىيە داشۆسى تەتقىق قىلىپ ياسىغان سانائەت لايىھەلەش يۇمشاق دېتالىنى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىۋاتاتتى. شىركەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لۈەن شۈ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 6-ئايدا، بىز ئۆلكىلىك پەن-تېخنىكا نازارىتىنىڭ ئۆلكە ئىچىدىكى پەن-تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارغا ئېلان قىلغان پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش تۈرىدە، دالىيەن تېخنولوگىيە داشۆسىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ لايىھىلەش نەتىجىسىگە دەل كارخانىلار ئېھتىياجىلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق، شۇنىڭ بىلەن «ئېلان قىلىش» قا ئىلتىماس قىلدۇق. ھازىر، ئايلاندۇرۇش خىزمىتى ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ، كېلەر يىلى 6-ئايدا تۇنجى تۈرلۈك نەتىجىنى قوللىنىش تاماملىنىدۇ. بۇ خىل تەتۈر يۆنىلىشلىك «پەن-تېخنىكىدا مۇكاپاتلاش تۈزۈمى» ھەم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەم كارخانىلارنىڭ تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش تەننەرخى ۋە خەۋپ -خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ھازىر لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ ئۆز جايىدا ئايلىنىش نىسبىتى %54.26 كە يېتىپ، 2019-يىلىدىكىدىن 2.86 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى.
پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. لياۋنىڭ ئۆلكىسى پەن-تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنى پەلەمپەيسىمان يېتىشتۈرۈش پىلانىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ،2019-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، پۈتۈن ئۆلكىدىكى پەن-تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ سانىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %34.5، يۇقىرى-يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ سانىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %24.7 ئاشۇردى.
لياۋنىڭ ئۆلكىسى كەسپ-ئوقۇتۇش-تەتقىقات ھەمكارلىقىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن باشلامچى كارخانىلارنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋزەل پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالاقىدار يۈرۈشلەشكەن كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ، كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىمىنى چۆرىدەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا يېتەكلىدى. ھازىر لياۋنىڭدىكى تۈرلۈك كەسپ-ئوقۇتۇش-تەتقىقات ھەمكارلىقى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق پەن تەتقىقات تۈرىدىن 91 نى ئۈستىگە ئېلىپ، 340 ھالقىلىق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ،257 زور يېڭىلىق يارىتىش مەھسۇلاتىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى.
پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئىختىساسلىقلار تىرىكىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. لياۋنىڭ ئۆلكىسى پەن-تېخنىكا تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشنى كۈچەيتىپ، تۈر، كوللېكتىپ ۋە تېخنىكىنى كىرگۈزدى، 2021-يىلىدىن بۇيان يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلار كوللېكتىپىدىن 391 نى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزدى؛ پەن تەتقىقاتقا ئالاقىدار فوند تەسىس قىلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەسىپتە قوللىنىشچان ئىختىساسلىقلاردىن 151 نى يېتىشتۈرۈپ، ياش، ئوتتۇرا ياش پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇقنى يېتىشتۈردى.
لياۋنىڭ سوغۇق ئۆزەك يېرىم ئۆتكۈزگۈچ پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سۈن دۇڭمىڭنىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى مېتال تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دېگگن يەنە بىر سالاھىيىتى بار، جانلىق ئىختىساسلىقلار سىياسىتى ئۇنى ھەم كۆڭۈل قويۇپ پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ھەم نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ھازىر بۇ شىركەت تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقارغان يۇقىرى ئىقتىدارلىق كۆپ دەرىجىلىك مىكرو تىپلىق يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك سوغۇق ئۆزەكنىڭ ئەڭ چوڭ سوۋۇتۇش تېمپېراتۇرا پەرقى 125 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىپ، 5G خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىدىكى بىر تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى، ئايلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 300 مىڭغا يەتتى.
يېڭىلىق يارىتىش ئاساسى پۇختىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تۇنجى ئاۋىياماتكا، ئاۋاز تېزلىكىدىن ھالقىغان شامال ئۆڭكۈرى ئاساسىي كومپرېسسورى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم ئۈسكۈنىلىرى لياۋنىڭدا دۇنياغا كەلدى، ماگنىتلىق لەيلىمە ئوققازان سىستېمىسى، تولۇق سۈرئەتلىك ئاقار جىسىم مېخانىكىسى يۇمشاق دېتالى قاتارلىق زور ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىشقا مۇلازىمەت قىلدى ... لياۋنىڭ زور جابدۇق يۈرۈشلۈك ماشىنىسى، يادرولۇق زاپچاس، ئاچقۇچلۇق ماتېرىيال، سانائەت يۇمشاق ماتېرىيالى قاتارلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كەسىپ تەرەققىياتى جىددىي ئېھتىياجلىق، تېخنىكا سەۋىيەسى ئىلغار بىر تۈركۈم زور يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا لياۋنىڭنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %17.5 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ