بېنزىن، دىزېلنىڭ باھاسى ئۆستۈرۈلدى
2022.10.25 21:11 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى مۇنداق دېدى: يېقىنقى مەزگىلدىكى خەلقئارا بازاردىكى ماي باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تەييار ماي باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى بويىچە، 2022-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 24 تىن باشلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى ھەر توننا بېنزىن، دىزېلنىڭ باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 185 يۈەن ۋە 175 يۈەن ئۆستۈرۈلىدۇ. ئالاقىدار باھا ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتى ھازىرقى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ