«چاڭچېڭ -2022» تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا مۇنبىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2022.09.01 15:40 مەنبە: خەلق تورى

  8-ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 31 - كۈنىگىچە، جۇڭگو قوراللىق ساقچى قىسىم بېيجىڭدا «چاڭچېڭ - 2022» تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا مۇنبىرى ئۆتكۈزدى، جۇڭگو، رۇسىيە، پاكىستان، بىرازىلىيە، ئىتالىيە قاتارلىق 30 دۆلەتنىڭ ئوخشاش تۈردىكى قىسىملىرىدىن كەلگەن170 دىن ئارتۇق ۋەكىل تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى.

  مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ قوماندانى ۋاڭ چۇننىڭ شاڭجياڭ ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىپ، دىققەتنى رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنيا خەۋپسىزلىكى تەشەببۇسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، «مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئېلىش، ھەمكارلىقنى ئورتاق پىلانلاش، تىنچلىقنى ئورتاق بەرپا قىلىش» تىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئوخشاش تۈردىكى قىسىم ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاكتىپ ئىنكاسى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

  مۇنبەر ئېچىلغان مەزگىلىدە، جۇڭگو - چەت ئەل تەرەپ ۋەكىللىرى « دۇنيا ساقچى-ژاندارما ئاساسىي قىسىمىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىق تەتقىقاتى» «شەھەر، تاغلىق رايون قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان مۇھىتتىكى ئادەمسىز، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قورال سۇپىسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تەتقىقاتى»دىن ئىبارەت ئىككى مەخسۇس تېمىغا بىرلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىدىيەسى، ئەمەلىيەت تەجرىبىسى، ئۇرۇش مىسالى قاتارلىق كۆپ نۇقتىنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى ۋە سوئال- جاۋاب شەكلىدە پىكىر ئالماشتۇردى. بىر قاتار ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، مول ئىجابىي مۇزاكىرىلەر ئارقىلىق يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ