مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۈ لۇمىڭ پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2022.07.19 14:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى بېيجىڭ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى يۈ لۇمىڭنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق يۈ لۇمىڭنىڭ سىياسىي نەزەرىيە ئۆگىنىشىنى بوشاشتۇرۇپ، ئىنتىزام، قانۇن قارىشى سۇسلاپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئۇزاقتىن بۇيان بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىپ ، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتكە كۆپ قېتىم قاتناشقانلىقى؛ ئەمەل تۇتۇشتا پاك بولماي، ئەلئارا قەرز ئېلىش-بېرىش ئارقىلىق كۆپ سوممىلىق پايدىغا ئېرىشكەنلىكى؛ نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتقانلىقى، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش، تۈرلەرنى تەستىقلاش، قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە پايدا يەتكۈزۈپ قانۇنسىز ھالدا زور سوممىلىق مال-مۈلۈكنى قوبۇل قىلغانلىقى ئېنىقلاندى.

  يۈ لۇمىڭ پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپە دائىرىسىدە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ھەمدە پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ نەپسىنى يىغمىغان، قولىنى تارتمىغان، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش قانۇنى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، يۈ لۇمىڭغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بەردى؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلدى؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسىنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى، چېتىشلىق مال-مۈلكىنى قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ