مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى ۋە «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك سۇيىقەستىنى قەتئىي مەغلۇپ قىلىدۇ

2022.05.26 13:14 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى تەن كېفېي مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى


  مۇخبىر: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى يېقىندا تەيۋەن ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز-ھاۋا تەۋەلىكىدە بىرلەشمە ئۇرۇش تەييارلىقى بويىچە چارلاش ۋە ئەمەلىي ئۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشنى تەشكىللىگەن. بەزىلەرنىڭ تەھلىلشىچە ، بۇ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشىغا بېرىلگەن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەن. بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟


  تەن كېفېي: بىز ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ تەيۋەن رايونى بىلەن ھەرقانداق شەكىلدىكى ھۆكۈمەت ئالاقىسى ۋە ھەربىي ئالاقىسىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز. «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» ئۆلۈمدىن باشقا يول ئەمەس، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» نى قوللاشمۇ تۇيۇق يول. ئامېرىكا بىر جۇڭگو سىياسىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللىمايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئېنىق بىلدۈردى. لېكىن يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكا تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ « تەيۋەن كوزېرى» نى ئويناشقا ھەدەپ كۈچەپ، «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى چەكلەش» كە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، بۇ ۋەزىيەتنى مۇقەررەر ھالدا خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.


  تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى، تەيۋەن مەسىلىسىگە سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى تەيۋەن ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز-ھاۋا تەۋەلىكىدە كۆپ خىل ئارمىيە تۈرى بىرلەشمە ئۇرۇش تەييارلىقى بويىچە چارلىشى ۋە ئەمەلىي ئۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈشى ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ تىل بىرىكتۈرۈشىگە قارىتىلغان، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئېھتىياجىغا ئاساسەن قوللىنىلغان زۆرۈر ھەرىكەت. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇپ، بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى ۋە «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك سۇيىقەستىنى قەتئىي مەغلۇپ قىلىدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ